Uyghur主要词典
مەلۇمات
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىنسانلار تەبىئەتنى ئۆزگەرتىش جەريانىدا ئېرىشكەن بىلىش ۋە تەجرىبە.
بىلىم _كۈچ. بىلىم _ خورىماس بايلىق. بىلىم _ ئەقىلنىڭ چىرىغى. ئەقىلغە ئىلىم بىلەن بەرگىن ياردەم، ئەقىل بۇ ئىلمگە خېرىداردۇ ھەر دەم. پەندە تۈپتۈز يول يوق. پەن ھەربىر كىشىدىن جىددىي ئىشلەشنى ۋە يۇقىرى قىزغىنلىقنى تەلەپ قىلىدۇ. «قۇتادغۇبىلىك» قۇتىدىغا بىلىم دېمەكتۇر. مەلۇمات كىشىنىڭ ئورنىنى بەلگىلەيدۇ. مۇھەببەتنى ساۋات بىلەن ئۆلچىگىلى بولماس، ساۋات _ ئىلىم ئاساسى، ئىلىم _ ھايات كۆزى، ھايات تەلەپ قىلساڭ بۇ ساۋات ئۆزى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئەھۋال ۋە ماتېرىيالنى يۇقىرىغا، باشلىققا ياكى ئاممىغا مەلۇم قىلىش.
«راپورت» ئادەتتە قوشۇنلاردىلا ئىشلىتىلىدۇ.
سۇڭ خەنلياڭ شۇجى جياڭ زېمىن باش شۇجىغا شىنجاڭنىڭ خىزمەتلىرىدىن دوكلات بەردى. خىزمەت گۇرۇپپىسى يېزىنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدا مەلۇمات ئالدى. جەڭچى كوماندىرغا راپورت بەردى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
ئوقۇش - ئۆگىنىش نەتىجىسىدە ئىگىلىگەن بىلىم، ئىلمىي سەۋىيە.
ئوتتۇرا مەكتەپ مەلۇماتى.
ئۇ ئالىي مەكتەپ مەلۇماتىغا ئىگە.
بىرەر نەرسىگە دەلىل بولىدىغان خەۋەر، ئۇچۇر، ئاخبارات، ماتېرىيال.
سەلىمە ئۆز ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.