Uyghur主要词典
مەجمۇئە
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
توپلام.
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
جەملەنگەن؛ توپلانغان؛ يىغىلغان؛ ھەممىسى؛ جەمىسى.
مەسىلەن: «بۇلاق» مەجمۇئەسى ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى بويىچە بىردىنبىر مەجمۇئەدۇر.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
يىغىلغان، توپلانغان، ھەممىسى، جەمئىسى؛ مەجمەئى فازىل - ئىلىم ئەھلىلىرى يىغىنى، مەجمەئەتۇل ئەھكام - ئەھكاملارنىڭ يىغىندىسى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
قەرەللىك چىقىرىلىدىغان سىياسىي، ئىجتىمائىي، ئەدىبىي ... رىسالە.
«قەشقەرنىڭ ئەدەبىياتى» ژۇرنىلى 1991 - يىل ئاۋغۇستتا ژۇرنال نەشىر قىلىنغانلىقىنىڭ 10 يىللىقى ۋە 100 سان چىقىرىلغانلىقىنى تەبرىكلىدى.
«بۇلاق» مەجمۇئەسى ئۇيغۇرلارنىڭ كلاسسىك ئەدەبىيات ۋە خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنى قۇتقۇزۇش، رەتلەش جەھەتتە چوڭ ئىشلارنى ئىشلىدى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
مەلۇم بىر تەرتىپتە توپلانغان تېكىستلەر، مەلۇمات ۋە شۇ قاتارلىقلارنىڭ يىغىندىسى؛ توپلام.
شىرە ئۈستىگە ھەرخىل ئەدەبىي ۋە ئىلمىي ژۇرنال قاتارلىق مۇددەتلىك مەجمۇئەلەر قويۇلغانىدى.