Chinese→Uyghur主要词典
美州国家组织
دۇنيا تارىخى
ئامېرىكا قىتئەسى ئەللىرى تەشكىلاتى
ئامېرىكا قىتئەسىدىكى رايون خاراكتېرلىك تەشكىلات. 1889-يىل 10-ئاينىڭ 2-كۈنى، ئامېرىكا لاتىن ئامېرىكىسى دۆلەتلىرى بىلەن ۋاشىنگتوندا بىرىنچى قېتىملىق لااتىن ئامېرىكىسى دۆلەتلىرى يىغىنى (پان ئامېرىكا يىغىنى) ئۆتكۈزگەن، ياندۇرقى يىلى 4-ئايدا <ئامرىكا قىتەئەسى جۇمھۇرىيەتلىرى خەلقئارا ئىتتىپاقى> قۇرۇلغان. ئۇنىڭ دائىمىي ئاپپاراتى <ئامېرىكا قىتئەسى جۇمھۇرىيەتلىرى سودا ئىشلىرى ئىدارىسى> بولۇپ، كېيىن ئۇنىڭ نامى <ئامېرىك قىتئەسى جۇمھۇرىيەتلىرى خەلقئارا ئىدارىسى> دەپ ئۆزگەرتىلگەن. 1910-يىل 7-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن 8-ئاينىڭ 30-ۈنىگىچە، بۇئېنوس - ئايرېستا ئۆتكۈزۈلگەن 4-قېتىملىق پان ئامېرىكا يىغىنىدا، <ئامېرىكا قىتئەسى جۇمھۇرىيەتلىرى خەلقئارا ئىدارىسى> نى <پان ئامېرىكا ئىتتىپاقى> دەپ ئۆزگەرتىش قارار قىلىنغان ھەمدە <ئامېرىكا قىتئەسى ئەللىرى تەشكىلاتى> غا ئۆزگەرتىش قارار قىلىنغان ھەمدە <ئامېرىكا قىتئەسى ئەللىرى تەشكىلاتى نىزامنامىسى> ماقۇللانغان. نىزامنامىدە بۇ تەشكىلاتنىڭ ۋەزىپىسى: ئامېرىكا قىتئەسى قۇرۇقلۇقىنىڭ تىنچلىقى ۋە ئامانلىقىنى مۇستەھكەملەش، تاجاۋۇزچىلىققا تاقابىل تۇرىدىغان ئورتاق ھەرىكەتنى ئورۇنلاشتۇرۇش، بىرلەشمە ھەرىكەت ئارقىلىق، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە باشقىلاردىن ئىبارەت. دەپ بەلگىلەنگەن. ئۇنىڭ باش شتابى ۋاشىنگتوندا قۇرۇلغان. ھەر يىلى بىر قېتىم چاقىرىلىدىغان چوڭ يىغىنى ئالىي ھوقۇقلۇق ئورگىنى بولۇپ، ئۇنىڭغا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دەرىجىلىك ۋەكىللەر قاتناشقان. دائىمىي مۇدىرىيىتى ئىجرائىيە ئورگىنى بولۇپ، باش ئەلچى دەرىجىلىك ۋەكىللەردىن تەركىب تاپقان. ئۇزاقتىن بۇيان ئامېرىكا بۇ تەشكىلاتتىن پايدىلىنىپ لاتىن ئامېرىكىسى دۆلەتلىرىنى تىزگىنلەپ ھەم ئۇلارنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلىشىپ، بارغانسېرى نۇرغۇنلىغان لاتىن ئامېرىكىسى دۆلەتلىرىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىماقتا. ئۇلار بۇ تەشكىلاتنى ئۆزگەرتىشنى تەلەپ قىلىشماقتا. 1976-يىلى 1-ئايدا، دائىمىي مۇدىرىيىتى قارار ماقۇللاپ، لاتىن ئامېرىكىسى دۆلەتلىرىنىڭ ئىقتىسادىي زومىگەرلىككە قارشى تۇرۇش، مىللىي ئىقتىسادىي ھوقۇق - مەنپەئەتنى قوغداش تەلىپىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان <كوللېكتىپ ئىقتىسادىي بىخەتەرلىك> توغرىسىدا ماددىنى نىزامنامىگە كىرگۈزدى. 1981-يىلى 12-ئايدىكى 11-قېتىملىق چوڭ يىغىنى سالۋادور مەسىلىسىگە ئائىت قارارنى ماقۇللىدى. 1982-يىلى 4-، 5-ئايلاردا ئىلگىرى - ئاخىر بولۇپ 20 - قېتىم تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى مەسلىھەت يىغىنىنى چاقىرىپ، ئەنگلىيىنىڭ مالۋىناس تاقىم ئارىلىغا قىلغان ھۇجۇمنى ئەيىبلىدى ۋە باشقىلار