Chinese→Uyghur主要词典
梅修因条约
دۇنيا تارىخى
مېشۇئېن شەرتنامىسى
1703-يىلى پورتۇگالىيە بىلەن ئەنگلىيە ئىمزالىغان شەرتنامە. ئەنگلاىيىگە ۋەكالىتەن لىسابوندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچى مېشۇئېن (تەخمىنەن 1650 - 1705) ئىمزا قويغانلىقى ئۈچن شۇنداق دەپ ئاتالغان. شەرتنامە بويىچە، پورتۇگالىيە ئەنگلاخيە يۇڭ توقۇلما ماللىرىنىڭ ئىمپورت قىلىنىشىغا رۇخسەت قىلغان (پورتۇگالىيە ھۆكۈمىتى 1677-يىلى ھەرقانداق دۆلەتنىڭ يۇڭ توقۇلما ماللارنى ئېلىپ كىرىشىنى مەنئى قىلغان)، ئەنگلىيە ئۆز دۆلىتىگە كىرەۈزۈلىدىغان پورتۇگالىيە ھاراقلىرىغا قارىتا چېگرا بېجى جەھەتتە ئېىتبار بېرىدىغان بولغان. بۇ شەرتنامە كۈچكە ئىگە بولغاندىن كېيىن، ئەنگلىيە پورتۇگالىيىنىڭ ئاساسىي سودا ئوبيېكتى بولۇپ قالغان، پورتۇگالىيىنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ سانائىتى بېسىمغا ئۇچرىغان، ئىقتىسادىي جەھەتتە كۈندىن - كۈنگە ئەنگىيىگە بېقىنغان. 1836-يىلى بۇ شەرتنامە بىكار قىلىنغان.