Chinese→Uyghur主要词典
梅特涅
دۇنيا تارىخى
مېتتېرنى
(1773 - 1859) ئاۋستىريە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى (1809 - 1848) ۋە باش ۋەزىرى (1821 -1848) كىنەز. 1801-يىلدىن باشلاپ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ساكسىن ۋە پرۇسسىيىدە تۇرۇشلۇق ئەلچى بولغان. 1806 - 1809-يىللىرى فرانسىيىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچى بولغان. تاشقى ئىشلار ۋەزىرى بولغان مەزەىلىدە ئاۋسترىيە فرانسىيە مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش، ئاۋسترىيىنىڭ ناپالېئون بىلەن ئۇرۇش قىلغان ۋاقىتتا قولدىن كەتكەن يەرلىرىنى قايتۇرۇۋېلىشنى تەشەببۇس قىلغان. 1812-يىلى 3-ئايدا فرانسيە بىلەن روسىيىگەقارشى ئىتتىپاق تۈزۈش شەرتنامىسىنى ئىمزالىغان. 1813-يىلى ناپالېئوننىڭ روسىيىگە قىلغان تاجاۋۇزى مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، قوراللىق <كېلىشتۈرۈپ قويۇش> قا ئاۋسترىيىنى 6-قېتىملىق فرانسىيىگە قارشى ئىتتىپاققا قاتناشتۇرغان، لېكىن يەنىلا ناپالېئونغا قارشى ھەربىي ھەرىكەتنى توسقان. ۋېنا يىغىنىدا ئەنگلىيە، فرانسىيە ۋەكىللىرى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، روسىيە، پرۇسسىيىگە قارشى مەخپىي كېلىشىم ئىمزالىغان. 1815-يىلى <مۇقەددەس ئىتتىپاق> قۇرۇپ، ياۋروپا ئىنقىلابى ۋە مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىنى باستۇرۇشقا ئاكتىپ قاتاشقان. باش ۋەزىر بولغان مەزگىلدە ئەكسىيەتچىل <مېتتېرنى تۈزۈمى> نى ئاۋسترىيە ۋە گېرمان چېگرىىسى ئىچىدىكى دېموكراتىك ھەرىكەتنى باستۇرغان. 1848-يىلى ۋېنادىكى مارت قوزغىلىڭىدا ۋەزىپىسىدىن بوشىتىلغان. كېيىن، ئەنگلىيىگە قېچىپ كەتكەن. 1849-يىلى 10-ئايدا بېلگىيىدە مۇھاجىر بولۇپ تۇرغان. 1851-يىلى ئاۋسترىيىگە قايتىپ كەلگەن.