Chinese→Uyghur主要词典
梅利亚
دۇنيا تارىخى
مېللا
(1903 - 1929) كۇبا كومپارتىيىسىنى قۇرغۇچىلاردىن بىرى. ھاۋانا داشۆسىدە ئوقۇغان، 1923-يىلى داشۆ ئىسلاھاتى ھەرىكىتىگە رەھبەرلىك قىلغان. 1924-يىلى ھاۋانا كوممۇنىزمچىلار جەمئىيىتىگە كىرگەن. ئىككىنچى يىلى 8-ئايدا، كۇبا كومپارتىيىسى قۇرۇلۇپ، مەركىزىي كومىتېت ئەزالىقىغا سايلانغان (باش سېكرىتار بولغان دېگەن گەپمۇ بار) <سىنىپىي كۈرەش> دېگەن ئورگان ژۇرنىلىنىڭ مەسئۇل مۇھەررىرى بولغان. 11-ئايدا، ماچادونىڭ ئىش تاشلىغان ئىشچىلارنى باستۇرۇشىغا قارشى تۇرغانلىقتىن قولغا ئېلىنغان، قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن مېكسىكىدا پاناھلانغان ھەمدە مېكسىكا كومپارتىيىسىگە كىرگەن. 7192 - 1928-يىللىرى ياۋروپادا سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن، بريۇسسېلدا ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا جاھانگىرلىككە قارشى تۇرۇش يىغىنىغا قاتناشقان ھەمدە سوۋېت ئىتىتپاقىنى زىيارەت قىلغان. 1928-يىلى مېكسىكىدا پرولېتارىنتودنىتلار جەمئىيىتىنى قۇرغان. 1929-يىلى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى مېكسىكا شەھىرىدە ماچادوغا ياللانغان قاتىل تەرىپىدىن يوشۇرۇن ئۆلتۈرۈلگەن.