Chinese→Uyghur主要词典
梅林
دۇنيا تارىخى
مېرىڭ
(1846 - 1919) گېرمانىيە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىدىكى سولچى ئەرباب، تارىخشۇناس، سىياسىي ئوبزورچى، گېرمانىيە كومپارتىيىسىنى قۇغۇرچىلارنىڭ بىرى. ئەمەلدار ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1866 - 1870-يىللىرى لېيپسىگ ۋە بېرلىندا كلاسسىك پەلسەپە ئۆگەنگەن. دەسلەپكى ۋاقىتلاردا بۇرژۇئا دېموكراتىزمچىسى بولۇپ، <ۋېسېر گېزىتى>، <بېرلىن خەلق گېزىتى> قاتارلىق گېزىت - ژۇرناللاردا بېسماك ھۆكۈمىتىنىڭ ئەكسىيەتچىل سىياسىتىگە قارشى ماقالىلەرنى ئېلان قىلىپ تۇرغان. ⅨⅩ ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىنىڭ ئاىىرىدا ماركسىزمنى قوبۇق قىلىپ، سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىگە كىرگەن، <يېڭى دەۋر> دېيىلىدىغان پارتىيە ژۇرنىلىنىڭ تەھرىرى بولغان. 1902 - 1907-يىللىرى <لېيپسىگ خەلق گېزىتى> نىڭ مەسئۇل مۇھەررىرى بولغان. بېرنىشتېين رىۋىزىئونىزمىغا قارشى كۈرەشكە ئاكتىپ قاتناشقان. 1913-يىلى كائۇتىسكى قاتارلىقلار تەرىپىدىن <يېڭى دەۋر> تەھرىر بۆلۈمىدىن سىقىپ چىقىرىلغان، كېيىن ليۇكسېمبۇرگ قاتارلىقلار بىلەن گېرمانىيە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسى سولچىلىرىنىڭ ژۇرنىلى <سوتسىيال دېموكراتلار خەۋرىرى> نى چىقىرىپ، كۈرەشنى داۋاملاشتۇرغان. 1915-يىلى ليۇكسېمبۇرگ قاتارلىقلار بىلەن <ئىنتېرناتسىئونال> ژۇرنىلىنى چىقىرىپ، سوتسىيال شوۋېنىزمچىلارغا قارشى كۈرەشنى پائال قانات يايدۇرغان. 1916-يىلى سولچىلار تەشكىلاتى بولغان سپارتاكچىلارغا قاتناشقان، شۇ يىلى 8، 12-ئايلاردا جاھانگىرلىككە، ئۇرۇشقا قارشى ھەرىكەتنى ئۇيۇشتۇرغانلىقى ئۈچۈن ئەسكىيەتچى دائىلىرىلەر تەرىپىدىن قاماققا ئېلىنغان. 7191-يىلى پرۇسسىيە پارلامېنتى ئەزالىقىغا سايلىنىپ، پارلامېنت مۇنبىرىدىن پايدىلىنىپ داۋاملىق تۈردە جاھانگىرلىككە، ئۇرۇشقا قارشى نۇتۇق سۆزلىگەن. 1918-يىلى گېرمانىيە نويابىر ئىنقىلابى مەزگىلىدە، گېرمانىيە كومپارتىيىسىنى قۇرۇشقا قاتناشقان ھەمدە پارتىيە مەركىزى كومىتېتى رەھبەرلىرىدىن بولۇپ سايلانغان، ئاساسلىق ئەسەرلىرى: <لېسىڭ سەرگۈزەشتلىرى>، <گېرمانىيە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسى تارىخى>، <كارل ماركس>، <ئوتتۇرا ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن بۇيانقى گېرمانىيە تارىخى> قاتارلىقلار.