Uyghur主要词典
مەي جۈنسەن
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
(1888 - 1967) جۇڭگودىكى مۇددەرىس، نەشرىياتچى، خېنەن لۇنىڭلىق، خۇيزۇ. دىنىي ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن. كىچىكىدە كۇڭزىنىڭ كىتابلىرىنى ھەم ئەرەبچە، پارسچىنى ۋە ئىسلام دىنىغا دائىر كىتابلارنى ئوقۇدى. 1908 - يىلى شىئەن، گەنسۇ، شەنشى قاتارلىق جايلاردا بىلىم تەھسىل قىلدى. كېيىن بېيجىڭغا بېرىپ قۇرئان قىرائەت قىلىشنى ئۆگەندى. 1911 - يىلى ھىندىستانغا بېرىپ، دېھلى، كالكۇتتا قاتارلىق جايلاردا تۇرۇپ قۇرئان قىرائەت قىلىش جەھەتتىكى بىلىمىنى ئاشۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە ئوردۇ تىلى ۋە ھىندى تىلىنى ئوقۇدى. 1914 - يىلى جۇڭگوغا قايتىپ كېلىپ، شىئەن، جىڭجۇ، كەيفېڭ، لوياڭ قاتارلىق جايلاردا ئىمام ۋە مۇددەرىس بولدى. 1926 - يىلى تەكلىپ بىلەن شاڭخەيدىكى شياۋتاۋيۈەن مەسچىتىدە ئىمام بولدى. 1928 - يىلى <جۇڭگو ئىسلام دىنى كىتابخانىسى> (1928 - 1958) نى قۇرۇپ، <مۇقەددەس دىننى جارى قىلدۇرۇپ، خۇيزۇ مەدەنىيىتى بىلەن خەنزۇ مەدەنىيىتىنى ئالماشتۇرۇش> نى مەقسەت قىلدى. كىتابخانىغا ئۆزى دېرىكتور، باش تەھرىر ۋە تارقاتقۇچى بولدى. بۇ مەزگىلدە شاڭخەي ئىسلام دارىلمۇئەللىمىندە ئىلمىي تەۋھىد، ئىستىلىستىكا، <قۇرئان كەرىم> نىڭ فونتېكىسىدىن دەرس ئۆتتى. مىڭ سۇلالىسى ۋە چىڭ سۇلالىسى دەۋرلىرىدە ياشىغان ۋاڭ دەييۈي، جاڭ جۇڭ، ۋۇ زۇنچى، ماجۇ، ليۇجى، ما دېشىن ۋە ياڭ جۇڭمىن، ۋاڭ جىڭزەي، ماجەن، جىن جىتاڭ قاتارلىق ئۆلىمالار تەرجىمە قىلغان ئەسەرلەرنى قايتا باستۇردى ھەمدە مىسىردىكى ھەلەبى كىتابخانىسى بىلەن ئۇلار نەشر قىلغان ئەسلىي نۇسخىدىكى دىنىي كىتابلارنى سېتىش توغرىسىدا كېلىشىم ئىمزالىدى. كىتابخانا 1937 - يىلى ياپونلارنىڭ توپ ئوقلىرىدا ۋەيران بولدى. مەي جۈنسەن گەنسۇ خېجۇ (ھازىرقى لىنشا) غا كۆچۈپ كەتتى. 1941 - يىلى شاڭخەي قولدىن كەتكەندىن كېيىن، دۈشمەننىڭ قىزىقتۇرۇشىنى رەت قىلىپ، يۇرتىغا قايتىپ ئوقۇتقۇچىلىق قىلدى. ئازادلىقتىن كېيىن، شاڭخەيگە بېرىپ كىتابخانىنى ئەسلىگە كەلتۈردى ھەمدە شاڭخەيدىكى خۇشى، خۇڭشۇفاڭ مەسچىتلىرىدە ئىمام بولدى. شاڭخەي شەھەرلىك سىياسىي كېڭەش ھەيئىتى، شەھەرلىك ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ ھەيئىتى، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ ھەيئىتى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىدى. شەنشى باۋجىدا ئالەمدىن ئۆتۈپ، لوفېڭشەنگە دەپنە قىلىندى. <ناماز دەرسلىكلىرى>، <خەنزۇچە ئەرەبچە سۆزلىشىش>، <ئەرەبچە دەرسلىك> قاتارلىق كىتابلارنى يازدى.