Chinese→Uyghur主要词典
梅迪奇
دۇنيا تارىخى
مېدىچ
(1819 - 1882) ئىتالىيە گۈللىنىش ھەرىكىتىدىكى ئەرباب. دەسلەپ جۇمھۇرىيەت تۈزۈلمىسىنى ھىمايە قىلغان. 1848-يىلى لومباردىيىدىكى گارىبالدى پىدائىيلار جۈنتۈەنىدە ئوفىتسېر بولغان. كېيىن 1849-يىلدىكى رىم جۇمھۇرىيىتىنى قوغداش جېڭىدىكى رەھبەرلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالغان. 50-يىللاردا ساردېن پادىشاھلىقىنىڭ ئىتالىيىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشىگە رەھبەرلىك قىلىشنى قوللاش تەرەپكە ئۆتكەن. 1859-يىلى ئاۋسترىيىگە قارشى ئۇرۇشتا گارىبالدى جۈنتۈەنىدە خىزمەت قىلغان. 1860-يىلى گارىبالدىنىڭ يىراققا يۈرۈش قىلىش تەلىپى بويىچە، گېنۇيەدە 2500 كىشىلىك پىدائىيلار قوشۇنىنى تەشكىللەپ <قىزىل كۆڭلەكلىكلەر قوشۇنى> غا ياردەم بەرگەن، سىتسىلىيە ئارىلىنى ۋە نېئاپولنى ئازاد قىلىش ئۇرۇشىغا قاتناشقان. ئۇنىڭدىن كېيىن ئىتالىيە ھۆكۈمەت ئارمىيىسىگە كىرگەن ھەمدە ھاكىمىيەت بېشىدىكى پادىشاھ تەرەپدارلىغا تېخىمۇ يېقىنلاشقان. 60-يىللارداسىتسىلىيىدىكى دېھقانلار قوزغىلىڭىنى باستۇرۇشقا قاتناشقان.