Uyghur主要词典
مەيدە
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
كۆكرەك.
مەيدىسىنى كەرمەك. * مەيدىسىگە ئۇرماق.* مەيدە ئاغرىتقان ئاش ئەمەس، كۆڭۈل ئاغرىتقان دوست ئەمەس (ماقال). قاغا جىگدىنى يېمە، مەيدەم ئاغرىدى دېمە (ماقال).
ئاھاڭداش سۆزلەر
سۈپەت.
ئۇششاق، كىچىك.
مەيدە چۆپ. * مەيدە ئىش. * مەيدە بۇرژۇئازىيە.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بەدەننىڭ بىر قىسمى، بويۇن بىلەن قورساق ئارىلىقى.
كۆكرەك كېرىپ ئالغا باس. دوستۇڭنىڭ كۆڭلىنى كۆكسۈڭگە باس. كۆكىنى كۆرۈپ كۆكسۈڭنى كەرمە. مۇشت تەڭلىگۈچە مەيدىسىنى چىقىرىپتۇ.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ھەجمى، ئۆلچىمىي چوڭ بولمىغان.
«كىچىك» ئەڭ ئومۇمىي، ھەممىگە چۈشىدۇ.
كۆز كىچىك بولغىنى بىلەن كۆرىدىغىنى چوڭ. بالىلىرىم ئۇششاق، پۇتۇمغا چۈشەك. ئېگىز تاغ مەيدە - مەيدە زەررىدىن تۈزۈلگەن. ئۇتۇن ئۇۋىقى بىلەن يانىدۇ.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ھەزىم قىلىش ئورگىنىنىڭ بىر قىسمى، خالتىغا ئوخشايدۇ.
يۇقىرى ئۇچى كانايغا ئۇلانغان، تۆۋەن ئۇچى 12 بارماق ئۈچەيگە تۇتاشقان.
مەيدە ئاغرىتقان ئاش ئەمەس، كۆڭۈل ئاغرىتقان دوست ئەمەس. ئاشقازان يارىسى ساقايماس كېسەل ئەمەس، تېببىي ئىلىم چارىسىنى تاپتى.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ھەجمى، گەۋدىسى، ياش - قۇرامى ئىززىتى... نىسبەت قىلىنغان ئوبيېكتتىن تۆۋەن.
چوڭ ، يوغان، كاتتا، زور، ئۇلۇغ
ھەجمى، گەۋدىسى، ياش - قۇرامى ئىززىتى... نىسبەت قىلىنغان ئوبيېكتتىن يۇقىرى، ئۈستۈن.
ئۇرۇق قوينىڭ مايىقى چوڭ. ئورۇق ئۇيغا يوغان مۈڭگۈز. يوغان بېلىقنىڭ يېنىدا ئۇششاق بېلىققا كۈن يوق. ئەخمەقنىڭ چوڭ - كىچىكى يوق. باش كىچىك، تۇماق يوغان، بەكە كىچىك، غىلاپ يوغان. پۇتى كىچىك چاققاننى كىيەر، پۇتى يوغان تاپقاننى. كاتتىغا كاتتىچە، مەيدىگە مەيدىچە. ئۇششاق بالىلار ئوينايدۇ، تال چىۋىقنى ئات ئېتىپ. ئوتۇن ئۇششىقى بىلەن كۆيەر. تاغ ھەرقانچە ئېگىز بولسىمۇ، كۈننى توسۇيالماس. بىلىملىك ئوغۇل ئاتىسىدىن ئۇلۇغ. ئۇلۇغ ئادەم بۈيۈك تاغقا ئوخشايدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
بويۇننىڭ ئاستىنقى قىسمىدىن تارتىپ قورساقنىڭ ئۈستۈنكى قىسمىغىچە بولغان گەۋدە ئارىلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
قىز ئىختىيارسىز ھالدا ئەزىزنىڭ مەيدىسىگە بېشىنى قويدى.
ھەزىم قىلىش ئورگانىزمى، ئاشقازان.
كۆڭۈل ئاغرىتقان دوست ئەمەس، مەيدە ئاغرىتقان ئاش (ماقال).
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
پارىسچە
ئۇششاق، كىچىك.
مەيدە ئىش.