Uyghur主要词典
مەھشەر
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
توپلانغان جاي؛ مالىمان:
قىيامەت:
1. ھەمە ئىزتىراب ئەتتى مۇزتەر بولۇپ،
فىغان بىرلە گوياكى مەھشەر بولۇپ.
ئا. نىزارى.
2. كى مەھشەر ئارا قىلمە رەسۋا مېنى،
جەھان زىبىغە قىلمە شەيدا مېنى.
ئا. نىزارى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
قىيامەتتە ھەممە كىشى يىغىلىدىغان جاي، مەھشەرگاھ؛ قالايمىغانچىلىق.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئۇ دۇنيا، باقىي ئالەمگە ئائىت.
دۇنيا ئىشىنى ئاخىرەتكە قالدۇرما. ئادەمنىڭ ئادىتىنى پەقەت ئاخىرەت ئۆزگەرتەر. خەير، قىيامەتتە كۆرۈشەرمىز. قەرزنى قىيامەتكە قالدۇرما. تاڭنا كۈنى ھەممە تەڭ بولىدۇ. مەھشەر كۈنى سىرات كۆۋرۈكىدىن ئۆتكەندە، ساق ئۆتكەيسەن.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
دىنىي چۈشەنچىدە قىيامەت كۈنى ھەممە كىشى يىغىلىدىغان جاي ۋە شۇ ۋاقىت.
جامائەت جەم بولۇپسىز، مېنىڭدىن بولۇڭ رازى، مەھشەردە كۆرۈشكەيمىز بولغاندا خۇدا قازى.