Uyghur主要词典
مەڭگۈ
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئۇزاق، چەكسىز ۋاقىت.
ئەخلاق - مەڭگۈلۈك، بايلىق - بىردەملىك. ئۇلۇغ ئىشقا جان تىككەننى خەلق ئەبەدىي ئۇنتۇمايدۇ. ئىلىم ھەم باقىيدۇر، ھەم ئەبەدىي ئۇ، ئىلىمدىن باشقىسى سېۋەتتىكى سۇ. دۈشمەن قولىغا چۈشكەن ئەبەدىلئەبەد خار. خەقنىڭ قولىدا جان باقماق بولغان ئۆمۈرۋايەت ئاچ قالار. بىرىنچى بولغانلار بىلەن ئېلىشتىن قورققان ئۆمۈر بويى بىرىنچى بولالمايدۇ.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئۇزاق داۋام قىلىدىغان، ۋاقىت چېكى يوق.
بىردەم، بىرپەس
قىسقىغىنا ۋاقىت داۋام قىلىدىغان، ۋاقتى بەك چەكلىك.
ئۇلۇغ ئىش ئۈچۈن جان تىككەن كىشىنى خەلق ئەبەدىي ئۇنتۇمايدۇ. ئىلىم ھەم باقىيدۇر، ھەم ئەبەدىيدۇر، ئىلىمدىن باشقىسى سېۋەتتىكى سۇ. خەلق يولىدا قۇربان بولغانلار خەلق كۆڭلىدە مەڭگۈ ياشايدۇ. ياشلىق بىردەم تۇرىدۇ، ئاخىر كېتىدۇ. بىرپەس راھەت كۆرۈپ، مەڭگۈ خىجىللىقتا قالما. سەپسەتە بىر قېتىم ئۆتىدۇ، ھەقىقەت مەڭگۈ تۇرىدۇ.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
مەڭگۈ، ئەبەدى، ئەبىدىلىك.
بۇ سۆز ھەم ئىسىم، ھەم مەستەردۇر. مەڭگۈ ئاژۇن _ مەڭگۈلۈك دۇنيا، ئەبەدى دۇنيا. شېئىردا مۇنداق كەلگەن:
تۇغۇپ تاقى قالمادى مەڭگۈ ئەرەن
ئاژۇن كۈنى يۇلدۇزى تۇتچى تۇغار
«ئادەم تۇغۇلۇپ مەڭگۈلۈككە قالمىدى،
دۇنيانىڭ كۈنى، يۇلتۇزى دائىم تۇغۇلۇپ تۇرىدۇ.»
زامان تەرىپلىنىپ شۇنداق دېيىلىدۇ: كىمكى تۇغۇلسا، ئۇ مەڭگۈ ياشىمايدۇ؛ دۇنيانىڭ قۇياشى، يۇلتۇزى دائىم تۇغۇلىدۇ، ھەرگىز ئۇپرىمايدۇ.
3 - 516
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
رەۋىش
ئەبەدىي، دائىمىي.
مەڭگۈ ئەسلىمەك. مەڭگۈ ئۆچمەسلىك.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
ئاخىرى بولمايدىغان، ھەممىسى قالىدىغان، ئەبەدىي.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئاخىرى بولمىغان، ئاخىرى يوق، ئەبەدىي.