Uyghur主要词典
مەغلۇكلەر
دۇنيا تارىخى
ئەرەبچە Mamluk نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى بولۇپ، مەنىسى تۈركىي قۇللار دېگەنلىك، ئادەتتە ئوتتۇرا ئاسىيا، كاپكاز قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن غەيرىي نىگېر قۇللىرىنى كۆرسىتىدۇ. مىلاد Ⅸ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ، ئابباسىيلار خاندانلىقىنىڭ خەلىپىسى مەملۈكلەردىن ئوردا نۆۋكەرلىرىنى تولۇقلاپ ئۆزىگە تايانچ قىلغان. كېيىن ھەر قايسى جايلاردىكى خاندانلىقلارمۇ بۇينىڭغا تەقلىت قىلغان. مەملۈك ئوردا نۆۋكەرلىرى ئۆزىنىڭ ھەربىي كۈچىگە تايىنىپ، ھەر دائىم ئوردا ئىشىغا ئارىلىشىپ، پادىشاھنى باشقۇرۇپ، ئەمەلىي ھۆكۈمران بولۇپ قالغان. 1250-يىلى مىسىرنىڭ مەملۈك ئوردا نۆۋكەرلىرى باشلىقى ئايبەك ئايۇپ خاندانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، سۇلاتان (1250 - 1257)، بولۇپ مەملۈك خاندانلىقىنى ( يەنى <قۇللار خاندانلىقى>، 1250 - 1517) قۇرغان. 1260-يىلى بايبورس پاشا پەلەستىندە موڭغۇل قوشۇنلىرىنى قاتتىق مەغلۇپ قىلىپ، ئۇلارنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ تاجاۋۇز قىلىشىنى توسۇغان. ئۇزۇن ئۆتمەي بايبورس سۇلتان بولغان، ئۇ ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە (1260 - 1277)، ئەھلىسەلىپ قوشۇنى بىلەن جەڭ قىلىپ، سۈرىيە ۋە پەلەستىننىڭ نۇرغۇن شەھەرلىرىنى ئىشغال قىلغان. 1291-يىلى مەملۈك خفندانلىقى ئاق شەھىرىنى ئىشغال قىلىپ، ئېرۇسالىم خاندانلىقىنى يوقاتقان. ئۇنىڭ تەسىر كۈچى جەنۇبتا نۇبىيانغىچە ئىچكىرىلەپ كىرەەن ھەمدە ئەرەب يېرىم ئارىلىدىكى ھىجاز رايونىغىچە كېڭەيتىلگەن. 14 - ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى ئاجىزلىشىپ، 1517-يىلى ئوسمان ئىمپېرىيىسى تەرىپىدىن ئىستېلا قىلىنغان.