Uyghur←Chinese主要词典
مەدرىسە پەلسەپىسى
دىنى سۆزلۈكلەر
ئىسلام دىنى
经院哲学(教义学)
jīng yuàn zhé xué (jiào yì xué )
دۇنيا تارىخى
经院哲学
jīng yuàn zhé xué
لاتىنچە Schola دېگەن سۆزدىن كېلىپ چىققان بولۇپ <مەكتەپ> دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. ئوتتۇرا ئەسىردە غەربىي ياۋروپادىكى كاتولىك دىنى پەلسەپە ئىدىيىسىنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشى. مىلادى Ⅸ ئەسىردە كاتولىك دىنى شۆيۈەن (مەدرىسە) لىرىدە پەيدا بولغاچقا شۇنداق دەپ ئاتالغان. ⅢⅩ ئەسىرگە كەلگەندە تازا روناق تېپىپ، ⅣⅩ ئەسىرگە كەلگەندە زاۋاللىققا يۈز تۇتقان. مەدرىسە پەلسەپىسى ئەقىل ئېتىقادقا بويسۇنۇش، پەلسەپە <ئىلاھىيەتنىڭ دېدىكى> دېگەننى تەشەببۇس قىلغان. ئۇنىڭ مەقسىتى كاتولىك دىنىنىڭ ئەقىدىلىرىنى دەلىللەش ۋە ئۇنى سىستېمىلاشتۇرۇش، شۇ ئارقىلىق چېركاۋ ۋە فېئوداللارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى قوغداشتىن ئىبارەت. تەتقىق قىلىدىغان ئاساسىي تېمىلىرى <ئىنجىل> دىن ئېلىنغان. مەسىلەن: <ئىنسانلارنىڭ ئاتا - بوۋىسى ئادەم ئەلەيھىسسالام خۇدا تەرىپىدىن يارىتىلغان چاغدا ئېگىزلىكى قانچىلىك ئىدى؟>، <پەرىشتىلە ئۇخلامۇد - يوق؟> دېگەنگە ئوخشاش. دەلىللەشتە <ئىنجىل>، پوپلارنىڭ ئەسەرلىرى، شۇنىڭدەك قەدىمكى يۇنانا پەيلاسوپى ئەپلاتوننىڭ ئەسەرلىرى ۋە ئارستوتېلنىڭ بۇرمىلانغان ئەسەرلىرى ئاساس قىلىنغان. دەلىللەش ئۇسۇلىدا فورمال لوگىكىدىكى چاكىنا يەكۈن چىقىرىش قوللىنىلغان. شۇڭا مەدرىسە پەلسەپىسى چاكىنا پەلسەپە دەپمۇ ئاتىلىدۇ. Ⅺ ئەسىردە ئۇنىڭ ئىچكى قىسمىدا نومىنالىزم بىلەن رېئالىزم ئوتتۇرىسىدا تالاش - تارتىش پەيدا بولغان. ئاساسلىق ۋەكىللىرى ئانسېلم، توماس ئاكۇنىسكىيى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.
مائارىپ
经院哲学
jīng yuàn zhé xué
دىنى سۆزلۈكلەر
ئىسلام دىنى
新凯拉姆(经院哲学)
xīn kǎi lā mǔ (jīng yuàn zhé xué )