Uyghur←Chinese主要词典
مەدەنىيەت كۈرىشى
دۇنيا تارىخى
文化斗争
wén huà dòu zhēng
ⅨⅩ ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدىكى بىسماركنىڭ كاتولىك چېركاۋلىرىغا ۋە مەزكۇر پارتىيىسىدىكى بۆلۈپ ئىدارە قىلغۇچىلارغا زەربە بېرىش كۈرىشى. 1871-يىلى گېرمانىيە بىرلىككە كەلگەندىن كېيىن، گېرمانىيىنىڭ جەنۇبىي قىسمى، غەربىي جەنۇب ىي قىسمىدىكى كىچىك شتاتتىكى بۇردۇئازىيە ۋە كاتولىك چېركاۋلىرى پرۇسىلارنىڭ ەېرمانىيە ئىمپېرىيىسىدىكى رەھبەرلىك ئورنىدىن نارازى بولۇپ، مەركىزىي پارتىيىنىڭ نامىدا تۇنجى نۆۋەتلىك ئىمپېرىيە پالامېنتىدا ئۆكتىچىلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، گېرمانىيىنىڭ پرۇسسىيىلىشىپ كېتىشىگە قارشى تۇرۇپ، ھەر قايسى شتاتلارنىڭ ئۆزىگە - ئۆزى خوجا بولۇشىنى ۋە ئۆز تەقدىرنى ئۆزى بەلگىلەشنى تەشەببۇس قىلىپ، چېركاۋلارنىڭ دىندىن خالى قانۇننىڭ ئارىلىشىشىنى قوبۇل قىلماسلىقنى تەلەپ قىلغان. بىسمارك پرۇسسىيە ئاقسۆڭەكلىرى بۇرژۇئازىيىنىڭ قوللىشى بىلەن دىنىي ھوقۇقچىلىققا قارشى بىر قاتار پەرمانلارنى ئېلان قىلغان. 1872-يىلى چېركاۋدا ۋەز ئېيتىش پەرمانىنى ئېلان قىلىپ، كاتولىك چېركاۋلىرىنڭ مەكتەپلەرنى نازارەت قىلىشنى ۋە چېركاۋلاردا دۆلەنتىڭ ئىشلىرى توغرىسىدا سۆزلىشىشنى چەكلىگەن. 1873-يىلى <ماي پەرمانى> نى ئېلان قىلىپ، چېركاۋلارنىڭ ئەدلىيە ئىشلىرىغا ئارىلىشىشىنى چەكلەپ، روھانىيلارنى دۆلەت تەربىيىلەش ۋە ۋەزىپىگە تەيىنلەشنى قارار قىلىىپ، يۇقىرى دەرىجىلىك راھىبلارنىڭ ھوقۇقىنى چەكلىگەن. 1875-يىلى ھەق تەلەپ ئىشلىرىنى تىزىملاش قانۇنىنى ئېلان قىلىپ، تۇغۇت، توي - تۆكۈن نەزىر - چىراغ مۇراسىملاردا غەيرىي دىنىي شەكىللەرنى قوللىنىشنى قارار قىلىپ، چېركاۋلارنىڭ جەمئىيەتتىكى تەسىرىنى ئاجىزلاتقان. بۇرژۇئازىيە لىبېرالىست ئالىملىرى بۇ كۈرەشنى پەردەزلاپ <مەدەنىيەت كۈرىشى> دەپ ئاتىغان. گېرمانىيە ئىشچىلار ھەرىكىتىنىڭ راۋاجلىنىشىغا ئەگىشىپ، بىسمارك ۋە مەركىزىي پارتىيە مۇرەسسەلىشىپ، 1876-يىلىدىن باشلاپ تەدرىجىي ھالدا دىنىي ھوقۇقچىلىققا قارشى بۇيرۇقلارنى ئەمەلدىن قالدۇرغان ھەمدە ئىشچىلار ھەرىكىتىنى ۋە سوتسىيالىزم ھەرىكەتلىرىنى بىرلىكتە باستۇرغان.
دىنى سۆزلۈكلەر
خىرىستيان دىنى
文化斗争
wén huà dòu zhēng