Uyghur主要词典
مەڭدەدى
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
يۇلدى، يۇڭدىدى.
ئول ئانىڭ ساچىن مەڭدەدى _ ئۇ ئۇنىڭ چېچىنى يۇلدى. شېئىردا مۇنداق كەلگەن:
ئۇزۇ بارىپ سوڭدادى
تەگرە تۇرۇپ ئاڭدىدى
ساچىن قىرا مەڭدەدى
ئارزۇلايۇ ئەر ئاۋار
«كەينىدىن بېرىپ قوغلىدى،
چۆرىدەپ تۇرۇپ پايلىدى،
چېچىنى قىرىپ يۇلۇشتى،
ئادەملەر چىلبۆرىدەك ئولاشتى.»
بىر بەگنى يەڭگەن ئادەم ھەققىدە مۇنداق دېيىلىدۇ: ئارقىسىدىن پايلاپ باردى، ئۇنى ھىيلە بىلەن قولغا چۈشۈرۈش ئادەملەر ئەۋەتىپ ئۇنىڭ ئەتراپىنى ئورىۋالدى، ئۇنىڭ چاچلىرىنى يۇلدى. شائىر بۇ يەردە ئادەملەرنىڭ يىغىلغانلىقىنى چىلبۆرىلەرنىڭ توپلانغانلىقىغا ئوخشىتىدۇ. چۈنكى چىلبۆرىلەر يالغۇز ئادەمنى ئۇچرىتىپ قالسا، ئۇنى چۆرىدىۋېلىپ يەيدۇ ( مەڭدەر _ مەڭدەمەك).
3 - 547