Uyghur←Chinese主要词典
ماۋرىتىس
دۇنيا تارىخى
摩里斯
mó lǐ sī
(1567 - 1625) بىرلەشكەن ئۆلكىلەر جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئارخۇنى ۋە قوماندانى. ۋىللىيام (ئورانگىلىق) نىڭ ئوغلى.1584-يىلى ئۇنىڭ ئاتىسى قەستىلىنىپ ئۆلگەندىن كېيىن گوللاندىيە ۋە زېلاندىيە ئىككى ئۆلكىنىڭ ئارخۇنلۇقىغا سايلانغان؛ 1587-يىلى شىمالىي يەتتە ئۆلكىنىڭ ئارخۇنى بولۇپ قالغان. 1589-يىلى بىرلەشكەن ئۆلكىلەرنىڭ قۇرۇقلۇق، دېڭىز ئارمىيىلىرىنىڭ باش قوماندانلىقىنى قوشۇمچە ئۈستىگە ئالغان. ئۇنىڭ رەھبەرلىكىدە ئىسپانىيە قوشۇنلىرى بىرلەشكەن ئۆلكىلەر جۇمھۇرىيىتىدىن تولۇق قوغلاپ چىقىرىلغان. 1609-يىلى ئىسپانىيىنى <12 يىللىق ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى> نى ئىمزالاشقا مەجبۇر قىلغان. 1619-يىلى گوللاندىيە ئۆلكىسىدىكى سودا ئولىگارخلىرى توپىلىڭىنى تارمار قىلغان ھەم ئۇنىڭ كاتتىبېشى بولغان گوللاندىيە ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى ئولدېنبارنېۋېلت (1547 - 1619) نى ئۆلتۈرگەن.