Uyghur←Chinese主要词典
ماتلاند
دۇنيا تارىخى
迈特兰
mài tè lán
(1850 -1906) ئەنگلىيەلىك قانۇن تارىخچىسى. كىمبېرىچ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغان، 1876 - يىلى ئەدەبىيات ماگىسىتىر ئۇنۋانىغا ئىگە بولغان. 1876 - يىلى ئادۋوكات بولغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە ئەنگلىيدە قانۇن تارىخىنى بېرىلىپ تەتقىق قىلغان. 1884 - يىلى تەكلىپگە بىنائەن كىمبېرىچ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەنگلىيە قانۇنى لېكتورى بولغان. 1888 - يىلى دوۋنىڭ مۇنبىرى ئەنگلىيە قانۇنى پروفېسسورى بولغان. ئەنگلىيە قانۇن تارىخى تەتقىقاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، 1887 - يىلى سېرتون جەمئىيىتىنى قۇرغان ھەمدە ئەنگلىيەنىڭ دەسلەپكى مەگىلىگە ئائىت كۆپ قىسىملىق ھۆججەت ماتېرىياللار توپلىمىنى تەھرىرلەپ نەشىر قىلدۇرغان. قانۇن تارىخىنى ئەنگلىيە ئىدىيە تەرەققىياتى نۇقتىسىدىن تەكشۈرگەن ھەمدە ئۇنى سىياسىي تارىخ، ئاساسىي قانۇن تارىخىي، جەمئىيەت تارىخى، ئىگىلىك تارىخى ۋە دىن تارىخى قاتارلىقلار بىلەن بىرلەشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بەرگەن. ئەنگلىيەنىڭ ئوتتۇرا ئەسىردىكى قورۇق تۈزۈمى، شەھەر تەرەققىياتى، پارلامېنت ۋە ئاساسىي قانۇنىي قاتارلىق مەسىلىلەرنى كۆپلىگەن ئىپتىدائىي ئارخىپ ماتېرىياللىرىنى چوڭقۇر ۋە ئىنچىكە تەكشۈرۈش ھەمدە قانۇنشۇناسلىق نۇقتىسى ئاساسىدا شەرھلىگەن. ئەسەرلىرىدىن <ئېدۋارد Ⅰ زامانىسىدىن بۇرۇنقى ئەنگلىيە تارىخى>، <1086 - يىلى (قىيامەتتىكى سوراقنامە) ۋە باشقىلار>، <ئەنگلىيە قانۇنلىرى ۋە ئەدەبىيات سەنئىتىنىڭ قايتا گۈللىنىشى>، <ئەنگلىيە ئاساسىي قانۇن تارىخى> قاتارلىقلار بار.