Uyghur主要词典
ماشىنا
مەنىداش سۆزلۈكلەر
دۋىگاتېلنى ھەرىكەتلەنلەندۈرگۈچ كۈچ قىلغان، رېزىنكا چاقلىق قاتناش قورالى.
<ماشىنا> ئادەتتە ئومۇمىي نام.
<ئاپتوموبىل> رەسمىي نام.
<كۇڭگا> قارا ماشىنىغا قارىتىلىدۇ.
<پىكاپ> ئادەتتە يېنىك، كىچىك ماشىنىنى كۆرسىتىدۇ.
ماشىنا بېكىتى؛ ماشىنا گاراژى. ئاپتوموبىل كالونى. كوڭكىلاردا ئاشلىق توشۇلۇۋاتىدۇ. پىكاپ غۇيۇلداپ ئۆتۈپ كەتتى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
روسچە؛فرانسوزچە
دېتاللاردىن تەركىب تاپىدىغان، ئايلىنىدىغان ۋە بىر تۈردىكى ئېنېرگىيىنى باشقا بىر تۈردىكى ئېنېرگىيىگە ئايلاندۇرىدىغان ياكى پايدىلىق قۇۋۋەت ھاسىل قىلالايدىغان قۇرۇلما.
پار ماشىنىسى. ئانا ماشىنا.
تىكىش ماشىنىسى.
قول ماشىنىسى. پۇت ماشىنىسى.
ئاپتوموبىل.
ماشىنا شوپۇرى. ماشىنا بېكىتى. ماشىنا ھەيدىمەك.