Uyghur←Chinese主要词典
ماسانېلو قوزغىلىڭى
دۇنيا تارىخى
马萨尼洛起义
mǎ sà ní luò qǐ yì
ئىتالىيىدىكى نېئاپول خەلقىنىڭ ئىسپانىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى قوزغىلىڭى. جگنۇبىي ئىتالىيە 1504-يىلى ئىسپانىيىنىڭ سۇيۇرغاللىق يېرى بولۇپ قالغاندىن كېيىن، يەرلىك خەلق يات دۆلەت ۋە ئۆز دۆلىتىدىكى فېئوداللارنىڭ ئېغىز ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىشى ۋە ئېزىشىگە ئۇچراپ، تۇرمۇشى قىيىن ھالغا چۈشۈپ قالغان. دائىرىلەرنىڭ مېۋە - چېۋە قاتارلىق يېمەكلىكلەرگە قارىتا يېڭىدىن باج ئېلىشى قوزغىلاڭنىڭ پىلىكى بولۇپ قالغان. قوزغىلاڭنىڭ رەھبىرى بېلىقچى تومماسو ئانېلو (تەخمىنەن 1622 - 1647)، قىسقارتىپ ئاتىلىشى ماسانېللو بولغاچقا شۇنداق دەپ ئاتالغان. قوزغىلاڭغا قول ھۈنەرۋەنلەر، ئۇششاق سودىگەرلەر ھەمدە يېقىن ئەتراپتىكى رايونلاrدىكى دېھقانلار قاتناشقان. 1647-يىلى 7-ئايدا، قوزغىلاڭچىلار <باج سېلىقنى بىكار قىلايلى!>، <ھۆكۈمەتنىي يوقىتايلى> دېگەن شوئارلارنى توۋلاپ، باج تالونلىرىنى كۆيدۈرۈپ، ئىسپانىيە باش ۋالىيسىنىڭ قەسىرىنى ئورىۋالغان ھەمدە ماسانېللونى نىئاپول شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ باشلىقى قىلىپ سايلىغان. ئىسپانىيە باش ۋالىيسى قوزغىلاڭچىلار نېئاپولنى جۇمھۇرىيەت دەپ جاكارلىغان. 1648-يىلى 4-ئايدا قوزغىلاڭ ئىسپانىيە تەرىپىدىن باستۇرۇلغان.