Uyghur←Chinese主要词典
مارسىلى
دۇنيا تارىخى
马尔西里
mǎ ěr xī lǐ
(1658 - 1730) ئىتالىيىلىك ئالىم، ھابسبۇرگ خاندانلىقىنىڭ گېنىرالى ۋە دىپلوماتىك ئەمەلدارى. 1682 - 1703-يىللىرى ئاۋسترىيە قوشۇنىدا ۋەزىپە ئۆتىگەن. ئەسكەرلىكتىن پەيدىنپەي گېنىراللىققا ئۆستۈرۈلگەن. 1683 - 1699-يىللاردىكى تۈركىيىگە قارشى تۇرۇشقا ۋە 1699-يىلىدىكى ئاۋسترىيە - تۈركىيە تىنچلىق شەرتنامىسىنى ئىمزالاشقا قاتناشقان. 1730-يىلىدىن باشلاپ پەن - تەتقىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان. 1117-يىلى برونىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنى قۇرغان، كېيىن لونداون خان جەمەتى ئىلمىي جەمئىيىتى ۋە پارىژ پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدىن <ئوسمان ئىمپېرىيىسىنىڭ ھەربىي اھلىتى ھەمدە ئۇنىڭ گۈللىنىشى ۋە زاۋاللىققا يۈزلىنىشى> شۆھرەت تاپقان. مەزكۇر كىتاب 1732-يىلى ئىتالىيانچە ۋە فرنسۇزچە نەشر قىلىنغان. كىتابتا تۈركىيە قىسىملىرىنىڭ تەشكىللىنىشى ۋە ⅦⅩ ئەسىرنىڭ ئاخىرقى يېرىمىدىكى تۈركىيىنىڭ پۇل مۇئامىلە، قول سانائەت ۋە سودا ئەھۋالىغا ئائىت تەپسىلىي ماتېرىياللار بار.