Uyghur←Chinese主要词典
ماركوۋنىكوۋ
دۇنيا تارىخى
马尔柯夫尼柯夫
mǎ ěr kē fū ní kē fū
(1837 - 1904) روسيىلىك خىمىك. قاان داشۆسىدە ئۇزۇن مۇددەت ئوقۇتقۇچىلىق قىلىپ، 1869-يىلى پروفېسسورلۇققا ئۆستۈرۈلگەن. كېيىن دائىرىلەرنىڭ مەزكۇر مەكتەپنىڭ داڭلىق پروفېسسورى، روسىيە ئاناتومى لېسگاۋوتقا زىيانكەشلىك قىلغانلىقىغانارازىلىق بىلدۈرۈش تۈپەيلىدىن خىزمەتتىن ئايرىلغان. 1871-يىلدىن باشلاپ، ئىلگخرى - ئاخىر بولپ نوۋا روسىسكى داشۆسى، موسكۋا داشۆسىدە پروفېسسور بولغان. پۇتلېروۋنىڭ خىمىيىۋى قۇرۇلما نەزەرىيىسىنى راۋاجلاندۇرغان، ئورگانىك بىرىكمىنىڭ ئاتوملىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزئارا تەسىرىنى تەتقىق قىلىپ، ئورگانىك خىمىيە قوشۇۋېلىش رېئاكسىيىسىنىڭ يۆنىلىشىنىڭ قانۇنىيىتىنى (يەنى <ماركوۋنىكوۋ قانۇنىيىتى>) نى يەكۈنلەپ چىققان. يەنە كاپكاز نېفىتىنىڭ تەركىبىنى ئېنىقلاپ چىققان ھەمدە ئۇنىڭ تەركىبىدىكى سىكلوگىدرو كاربونلار دەپ ئاتىلىدىغان يېڭى تىپتىكى ئالكىلنى تاپقان.