Uyghur主要词典
ماڭقىسى چوۋۇلماق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
بۇرنىدىن توختىماي ماڭقا ئاقماق.
بالا بۈگۈن ئەتىگەن ماڭقىسى چۇۋۇلۇپ قوپۇپتۇ. بەزىدە يەنە چۈشكۈرۈپ قويىدۇ.
كۆچمە. قاتتىق قىينالماق، ئەپلەشتۈرەلمەي تازا ئاۋارە بولماق.
- شۇنداق قاسىمئاخۇن، سىلى ئەپەندىچىلىكنى ئۇڭاي دەيسىلە، مېنىڭ شۇ چاغدا بىر سائەتمۇ تۈزۈكرەك ئەپەندى بولالماي ماڭقام چۇۋۇلۇپ كەتتى، - دېدى ئىسمائىل ئاكا.