Uyghur主要词典
مانۇ قانۇنى
دۇنيا تارىخى
قەدىمكى ھىندىستاندىكى براخمان دىنى قانۇنى. ئېيتىشلارغا قارىغاندا ئىلاھنىڭ ئوغلى، <ئىنسانلارنىڭ دەسلەپكى بوۋىسى> مانۇ تۈزگەنمىش. تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅱ ئەسىردىن مىلاژى Ⅱ ئسىرگىچە بولغان ئارىلىقتا ياكى مىلادىدنىڭ دەسلەپكى بىرنەچچە ئەسىرلىرىدە پۈتكەن. بۈگۈنگىچە تارقىلىپ كەلگەن قانۇن نۇسخىسى جەمئىي 12 باب، 2684 قەسىدىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. بۇ قانۇننىڭ مەزمۇنلىرىر دىن قانۇن، ئالۋان - ياساق، مۈلۈكچىلىك ھوقۇقى، نىكاھ ۋە ئەخلاق، ئۆرپ - ئادەت قاتارلىق جەھەتلەرگە چېتىلغان، تۈرلۈك تائىپلەرنىڭ ھۇقۇق - مەجبۇرىيىتى ۋە ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك ھەرىكەت نىزاملىرى تەپسىلىي بەلگىلەنگەن، ئالىي تائىپلەرنىڭ مەنپەئىتى ۋە ئىمتىيازىنى قوغداش مە قمەقسەت قىلىنغان، ئىلاھ براخماننىڭ ئاغزىدىن براخمانلار ئاپىرىدە قىلىنغان؛ قوللىرىدىن كىساترىيالار ئاپىرىدە قىلىنغان؛ پاچاقلىرىدىن ۋايسىرالار ئاپىرىدە قىلىنغان؛ پۇتلىرىدىن سۇدرا ئاپىرىدە قىلىنغان، دەپ تەرغىپ قىلىنغان. براخمان تائىپىسىدىكىلەر <بارلىق مەۋجۇدۇىيەتنىڭ خوجايىنى>، ۋېنا نومىنى ئۆگىنىدۇ ۋە ئۆگىتىدۇ، ئىلاھى ئۈچۈن نەزىر - چىراغ ئۆتكۈزۈشكە رىياسەتچىلىك قىلىدۇ، سەدىقىنى قوبۇل قىلىدۇ؛ كىساترىيا تائىپىسىدىكىلەر <خەلقنى قوغدايدۇ>، ۋېنا نومىنى ئۆگىنىدۇ، ئىلاھ ئۈچۈن نەزىر - چىراغ ئۆتكۈزىدۇ ۋە سەدىقە قىلىدۇ؛ ۋايسىيا تائىپىسىدىكىلەر ۋېدا نومىنى ئۆگىنىدۇ، ئىلاھ ئۈچۈن نەزىر - چىراغ ئۆتكۈزىدۇ ۋە سەدىقە قىلىدۇ. چارۋىچىلىق، دېھقانچىلىق ۋە سودا بىلەن شۇغۇللىنىدۇ؛ سودرا تائىپىنىڭ <قايتا دۇنياغا كېلىشى> ئۈچۈن ياۋاشلىق بىلەن خىزمەت قىلىشتىن ئىبارەت. قانۇندا قۇلنىڭ يەتتە تۈرلۈك مەنبەسى: يەنى ئەسىر قۇل، قورساق بېقىش ئۈچۈن قۇل بولۇش، ئائىلىدە تۇغۇلغان قۇل، سېتىۋېلىنغان قۇل، تەقدىم قىلىنغان قۇل، ۋارىسلىق قىلىنىدىغان قۇل ۋە جىنايەتچىدىن ئايلانغان قۇل دەپ ئېقىق كۆرسىتىلگەن، بۇ قانۇن قەدىمكى ھىندىستاننىڭ ئىجتىمائىي تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم ماتېرىيال بولۇپ ھېسابلىنىدۇ ھەمدە ھىندىستاندىن باشقا مەسىلەن، بىرما، تايلاند قاتارلىق جايلارغىمۇ مەلۇم تەسىر كۆرسەتكەن.