Uyghur←Chinese主要词典
مامونتوۋ
دۇنيا تارىخى
马蒙托夫
mǎ méng tuō fū
(1869 - 1920) سوۋېت روسىيىسىنىڭ ئىچكى ئۇرۇش مەزگىلىدىكى جەنۇبىي روسىيىدىكى ئەكسىلئىنقىلاب رەھبەرلىرىنىڭ بىرى. روسىيە ئارمىيىسىنىڭ گېنېرال لېيتنانتى. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ۋاقتىدا، دون كازاك پولكىغا قوماندانلىق قىلغان. ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن كېيىن، دىنىكىن 4-ئاتلىق ئەسكەرلەر جۈنتۇەنىنىڭ قوماندانى بولغان. 1919-يىلى 8-ئايدا جەنۇبىي سەپتىكى قىزىل ئارمىيىنىڭ ئارقا سېپىگە تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ، تامپوۋ، كوزلوۋا قاتارلىق جايلارنى بىر مەھەل ئىشغال قىلغان. 10 - 11-ئايلاردا، ۋورونېژ ۋە كاستولناي شەھىرىدە بۇدىيۇننى ئاتلىق ئەسكەرلەر جۈنتۇەنى تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنغان.