مامونتⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] قەدىمكى سۈت ئەمگۈچى ھايۋان. تەن شەكلىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ھازىرقى پىلغا ئوخشاپ كېتىدۇ. پۈتۈن تېنىدە ئۇزۇن تۈكلىرى بار، كۈرەك چىشلىرى ئۈستىگە ئېگىلگەن. ئۇ سوغۇق بەلۋاغلاردا ياشىغان 4-دەۋرنىڭ ھايۋىنى بولۇپ، ئاللىقاچان نەسلى قۇرۇغان. «تۈكلۈك پىل» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.