Uyghur←Chinese主要词典
مالتوزا
بىئولوگىيە
麦芽糖
màiyátáng
ئىككى مولېكۇلا گلۇكوزا ھەر قايسىنىڭ (C 1 - C 4) دىكى گىدروكسىل رادىكاللىرىنىڭ α - گلۇكوزىد بېغى ئارقىلىق تۇتىشىشىدىن ھاسىل بولىدىغان دى ساخارىد. تەركىبىدە ئەركىن ئالدېگىد رادىكالى بولغانلىقتىن، ئوكسىدسىزلاش خۇسۇسىيىتى، ئوزازون ھاسىل قىلىش رولى بولىدۇ. مالتوزا α - ۋە β - تىپلىقتىن ئىبارەت ئىككى خىل تۈزۈلۈشلۈك بولغانلىقتىن، نۇر بۇرىشى ئۆزگىرىدىغان ئالاھىدىلىككە ئىگە. مالتوزا نۇرنى ئوڭغا بۇرايدىغان بىر خىل قەنت بولۇپ، ئەڭ ئاخىرىدا نۇر بۇراش دەرىجىسى + 136° بولىدۇ. كراخمالنى ئارپا ئۈندۈرمە ئامىلازىسى بىلەن گىدرولىزلاپ، ئوزۇقلۇق قىلىنىدىغان ئارپا قەنتىنىڭ ئاساسلىق تەركىبىنى تەييارلىغىلى بولىدۇ، ئېچىتقۇ ئىنتايىن ئاسان ئېچىيدىغان ئۆستۈرگۈچ قىلىپ پايدىلانغىلىمۇ بولىدۇ.
ئورمانچىلىق,دېھقانچىلىق,خىمىيە,ئۇنىۋېرسال
麦芽糖
mài yá táng