Uyghur←Chinese主要词典
مالونىل
بىئولوگىيە
丙二酸单酰
bǐngèrsuāndānxiān
ياغ كىسلاتالىرى ئاساسەن ئىككى خىل سىستېمىدا سىنېزلىنىدۇ: بىر خىلى خوندىرىئوسومسىز سىستېما بولۇپ، ۋاكۇئولا سۇيۇقلۇقىدا بولىدۇ، ئۇنىڭدا باشتىن سىنتېزلىنىش يولى ئارقىلىق بولىدۇ. يەنە بىر خىلى خوندىرىئوسومىلىق ۋە مىكروزومىلىق سىستېمىلار بولۇپ، ئۇنىڭدا ئەسلىدىكى ياغ كىسلاتاسىنىڭ زەنجىرىگە C 2 لىك بىرىكمە قوشۇلۇپ كاربون زەنجىرى ئۇزىرايدۇ. مالونىك كىسلاتا مونو ئاتسىل COA بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغىنى خوندىرىئوسومسىز سىستېما بولۇپ، ئالدى بىلەن كاربوكسىلىشىش رېئاكسىيىسى ئارقىلىق ئاتسېتىل COA دىن مالونىك كىسلاتا مونوئاتسىل COA ھاسىل بولىدۇ، ياغ كىسلاتا سىنتېتازا كومپكلېس ئېنزىم سىستېمىسى (تەركىبىدە ئالتە دانە ئېنزىم ئاقسىلى، ئاتسىل توشۇغۇچى ئاقسىل )قىسقىچە ACP( بار) ۋە NADH 2 نىڭ كاتالىزاتورلۇقىدا ئۇ ئاتسېتىل COA بىلەن كوندېنساتسىيىلىنىش، ئوكسىدسىزلىنىش، سۇسىزلىنىش قاتارلىق يەتتە باسقۇچلۇق رېئاكسىيە ئارقىلىق تويۇنغان C 4 لىك ئاتسىل - ACP نى ھاسىل قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرىنچى قېتىملىق ئايلىنىش تاماملىنىپ، زەنجىرى بىر C 2 لىك بىرىكمە ئوزىرايدۇ. ئىككىنچى قېتىملىق ئايلىنىشتا ACP بۇتىرىل رادىكالىنى β - كېتو ئاتسىل سىنتېتازا مولېكۇلىسىدىكى SH رادىكالىغا يۆتكەيدۇ، ACP يەنە بىر مالونىك كىسلاتا مونوئاتسىل بىلەن تۇتىشىدۇ، مالونىك كىسلاتامونو ئاتسىل - S _ ACP, بۇتىرىل ـ S - β كېتوئاتسىل - ACP سىنتېتازا بىلەن كوندېنساتسىيىلىنىپ، β - كېتو گېكسىل - ACP - S ۋە CO2 نى ھاسىل قىلىدۇ. ماناشۇنداق يەتتە قېتىم ئايلىنىش ئارقىلىق ئەڭ ئاخىرىدا ھاسىل بولغان پالمىتويىل ACP - S دىن تىئو ئېستېرازا (thioesterase) نىڭ كاتالىزاتورلۇقىدا ئەركىن پالمىتات كىسلاتاسى ھاسىل بولىدۇ، ياكى ACP بىلەن COASH غا يۆتكىلىدۇ ۋە ياكى بىۋاستە فوسفاتىدىك كىسلاتا ھاسىل بولىدۇ.
ئۇنىۋېرسال,خىمىيە
丙二酰
bǐng èr xiān