Uyghur←Chinese主要词典
مالنى مالغا ئالماشتۇرۇش سودىسى
领域: دۇنيا تارىخى物物交换
wù wù jiāo huàn
ئىپتىدائىي ئالماشتۇرۇش شەكلى بولۇپ، مەھسۇلات ئىگىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى مالنى مالغا بىۋاسىتە ئالماشتۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى مۇنداق: پۇل بولمىغان ياكى باشقا تەڭ قىممەتتىكى نەرسىلەرنى ۋاسىتە قىلغان؛ ئېلىش بىلەن سېتىش بىرلەشتۈرۈلگەن بولۇپ، ئېلىش - سېتىش دېمەكتۇر، بۇنىڭ ئەكسىچە بولغاندىمۇ شۇنداق. لېكىن بۇنداق ئالماشتۇرۇش چەكلىمىلىككە ئىگە بولۇپ، بىر تەرەپتىكى مەھسۇلاتقا قارشى تەرەپ ئېھتىياجلىق بولمىغان چاغدا، ئالماشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولمايدۇ. ئىپتىدائىي جەمئىيەتتە بىرىنچى قېتىملىق ئىجتىمائىي چوڭ ئىش تەقسىماتىدىن ئاۋۋالقى دەسلەپكى ئالماشتۇرۇش شەكلى ئاساسەن قەبىلىلەرنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئۇرۇقداشلار ئارىسىدا ئالماشتۇرۇش بولغان. بىرىنچى ۋە ئىككىنچى قېتىملىق ئىجتىمائىي چوڭ ئىش تەقسىماتىدىن كېيىن، قەبىلىلەر ئوتتۇرىسىدا ياكى شەخسلەر ئوتتۇرىسىدا چارۋا مال ياكى باشقا مەھسۇلاتلارنى ئومۇمەن تەڭ قىممەتتىكى نەرسە قىلىپ ئالماشتۇرۇش بارلىققا كەلگەن. بۇ مالنى مالغا ئالماشتۇرۇش بولماستىن، بەلكى ۋاسىتلىك ئالماشتۇرۇش دائىرىسىگە مەنسۇپ بولغان. لېكىن مالنى مالغا ئالماشتۇرۇش قوشۇمچە شەكىل ياكى تاسادىپىي ئىستىسنالىق ھادىسە سۈپىتىدە ئۇزاق ۋاقىت مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان.
关于该词条
这是一个维吾尔语–中文词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。