Uyghur主要词典
مالكولم ئېكىس
دۇنيا تارىخى
(1925 - 1965) ئامېرىكا نېگىرلار ھەرىكىتىنىڭ داھىيىسى. ئەسلى ئىسمى مالكولم لىتلې. نېگىرلارنىڭ باراۋەرلىك ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئۇزۇن مەزگىل كۈرەش قىلىپ، كۆپ قېتىم قولغا ئېلىنىپ تۈرمىگە تاشلانغان. تۈرمىدە نېگىر مۇسۇلمانلار تەشكىلاتىغا قاتناشقان. 1952-يىلى تۈرمىدىن چىققان چاغدا ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىشقا، پەيغەمبەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تەلىمىگە ئەمەل قىلىپ نېگىرلار ئازادلىقىنى قولغا كەلتۈرۈشكە دەۋەت قىلغان. نېگىرلارنىڭ <ئۆزىنى ئۆزى قوغدىشى، ئۆزئارا ياردەملىشىشىنى؛ نېگىرلار بىلەن ئاق تەنلىكلەرنى ئايرىپ ئىدارە قىلىشنى؛ زۆرۈر تېپىلغاندا زورلۇق كۈچى ئىشلىتپ ئازادلىققا ئېرىشىشنى> تەشەببۇس قىلغان. لېكىن كېيىن ئايرىپ ئىدارە قىلىش تەشەببۇسىدىن ۋاز كېچىپ، نېگىرلار بىلەن ئاق تەنلىكلەرنى قېرىنداشلارچە دوستانە مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا چاقىرغان. 1965-يىل 2-ئاينىڭ 21-كۈنى نيۇ - يورك شەھىرىدە نۇتۇق سۆزلەۋاتقاندا ئوق تېگىپ ۋاپات بولغان. <تەرجىمىھال> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.