Uyghur主要词典
مالىكىيە
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
ئىسلام دىنىدىكى فىقىھە ئېقىملىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ھەنەفىيە، شافىئىييە، ھەنبەلىيەلەر بىلەن بىر قاتاردا سۈننىي مەزھىپىدىكى تۆت چوڭ فىقھە ئېقىمى ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئېقىمنى ئىمام مالىك ئىبنى ئەنەس ھىجاز رايونىدىكى مەدىنىدە بەرپا قىلغانلىقتىن، ھىجاز رايونىدىكى مەدىنىدە بەرپا قىلغانلىقتىن، ھىجاز فىقھە ئېقىمى ياكى مەدىنە ئېقىمى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ ئېقىم فىقھە ئەھكاملىرىنى تۈزگەندە <قۇرئان كەرىم> نى، ئىجمائنى، قىياسنى ئاساس قىلغاندىن باشقا، بۇرۇنقى مەدىنە مۇسۇلمان تەشكىلاتلىرىنڭ ئەنئەنىۋى ئادىتى <سۈننەت> كە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەردى. بۇ ئېقىمنىڭ فىقھە سىستېمىسى ھەدىس، رىۋايەت ئاساسىغا بەرپا قىلىندى ھەمدە مەدىنە ئۆلىمالىرىنىڭ ئىجمائىسى تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىندى. مەدىنىنىڭ ئەنئەنىۋى ئادەتلىرى ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ، دەپ قارالغانلىقتىن، بۇ ئېقىم <ئەھلى ھەدىس> دەپ ئاتالدى. فەقىھلەرنىڭ شەخس پىكرىگە ئەھمىيەت بېرىدىغان ھەنبەلىيە بىلەن زىت بولۇپ قالدى. بۇ ئېقىم ھەدستىن نەقىل كەلتۈرگەندە ئەتراپىق ئويلىنىش پوزىتسىيىسىنى قوللىنىپ، ھەدىسنىڭ ئەسلىي تېكىستىنى ئاساس قىلدى. رىۋايەت قىلىنغان يىپ ئۇچىنىڭ باغلىنىشلىق ياكى باغلىنىشلىق ئەمەسلىكىنى، ئىشەنچلىك ياكى ئىشەنچىلىك ئەمەسلىكىنى ئانچە سۈرۈشتۈرمىدى. لېكىن، بەزىدە <قۇرئان كەرىم> نى ئاساس قىلىپ، مەدىنىنىڭ ئادىتىگە ماس كەلمەيدىغان ھەدىسلەرنى چەتكە قاقتى. بۇ ئېقىم قىياس ئۇسۇلىغا ئېھتىياتچان بولدى. جەمئىيەتنىڭ مەنپەئىتىنى نەزەرگە ئىلىپ، قىياسنى چۆرۈۋېتىپ، ئادىللىققا تېخىمۇ يېقىنلىشىدىغان جانلىق ھۆكۈمنى قوللىنىش كېرەك، دەپ قارىدى. مالىك ئىبنى ئەنەس توپلىغان <ئەل مۇۋەتتە> بۇ ئېقىمنىڭ ۋەكىللىك خاراكتېرىدىكى ئەسىرى بولۇپ، Ⅷ ئەسىردە يېزىلغان ئەڭ قەدىمكى فىقھە سۈننەت ئەسەرلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ، ئاساسلىق فىقھەلەر ئەل سەھنۇن (؟ - 854)، ئىبنى ھەبىب سۇلەمى (؟ - 852)، ئەل ئۇتبى (؟ - 869)، ئىسمائىل بىننى ئىسھاق (؟ - 895) قاتارلىق كىشىلەردىن ئىبارەت. بۇ ئېقىم ئاساسلىقى ماراكەش، ئالجىرىيە، تۇنىس، لىبېرىيە، سۇدان، چاد، مىسرىنىڭ شىمالى قاتارلىق جايلاردا تەرەققىي قىلدى. ئوتتۇرا ئەسىردە مۇسۇلمانلار ھۆكۈمرانلىق قىلغان ئىسپانىيىدىمۇ بىر مەھەل گۈللەندى.