Uyghur主要词典
مالىيە
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
دۆلەتنىڭ مال - مۈلۈك ۋە بايلىقلارنىڭ كىرىم - چىقىم قىلىنىشىغا بولغان باشقۇرۇش پائالىيىتى.
مالىيە مىنىستىرلىقى. مالىيە ئىدارىسى.
ئىدارە - جەمئىيەت، ئورگان، كارخانا، تەشكىلات قاتارلىقلاردىكى مال - مۈلۈكنى باشقۇرۇش ياكى تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىش، نەق پۇلنى كىرىم - چىقىم قىلىش، ساقلاش ۋە ھېسابلاش قاتارلىق بىر يۈرۈش ئىشلار.
مالىيە بۆلۈمى. مالىيە خادىملىرى