Uyghur←Chinese主要词典
مالا پادىشاھلىقى
دۇنيا تارىخى
马拉王朝
mǎ lā wáng cháo
ⅡⅩ ئەسىردىن ⅧⅩ ئەسىرگىچە داۋام قىلغان نېپالنىڭ فېئودال پادىشاھلىقى. جاياستىتى تەختتە ئولتۇرغان چاغدا (1382 - 1422)، ھىندى دىنىنىڭ تەبەقە تۈزۈمى ۋە ھەر خىل مۇراسىم - قائىدىلىرى، ئۆرپ - ئادەتلىرىنى يولغا قويغان. ياكشيا تەختتە ئولتۇرغان چاغدا (1428 - 1482)، تېررىتورىيىسى كېڭىيىپ، تەسىر كۈچى بېنگال رايونىغىچە يېتىپ بارغان. ئۇ دۆلەت زېمىنىنى بادگان، پاتان ۋە كاتماندۇدىن ئىبارەت ئۈچ قىسىمغا ئايرىپ ئوغۇللىرىغا بەرگەن. ئۇ ئۆلگەندىن كېيىن دۆلەت پارچىلىنىپ، ئۈچ دۆلەت ئوتتۇرىسىدا دائىم ئۇرۇش بولۇپ، ئاجىزلىشىپ كەتكەن. 1769-يىلى گوركا پادىشاھلىقى تەرىپىدىن يوقىتىلغان.