Chinese→Uyghur主要词典
马拉坎达
دۇنيا تارىخى
ماراكاندا
يەنى سەمەرقەند، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قەدىمىي شەھەر، قەدىمكى سوغدىيانىڭ پايتەختى، ھازىرقى ئۆزبىكىستاندىكى سەمەرقەند. جۇڭگو تارىخلىرىدا 悉万 斤,寻思干,飒秣建 ياكى 撒马儿罕 دەپمۇ ئاتالغان. مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅵ ئەسىردىن Ⅴ ئەسىرگىچە بولغان ئارىىلقتا قۇرۇلغان بولۇپ، پېرسىيە ئىمپېرىيىسىگە تەۋە بولغان. مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅳ ئەسىردىن كېيىن، ماكىدونىيە پادىشاھى ئالېكساندر ۋە باكتېرىيە، خارەزىم قاتارلىقلار پادىشاھلىقلارنىڭ ئارمىيىلىرى ئىلگىرى - ئاخىر بولۇپ ئۇ يەرگە بېسىپ كىرگەن. ⅢⅤ ئەسىرنىڭ باشلىرى ئەرەبلەر تەرىپىدىن ئىستېلا قىلىنىپ، ئىسلام دىنى مەدەنىيەت مەركەزلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالغان. ⅢⅩ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرى موڭغۇللار تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغان. كېين تېمۇر ئىمپېرىيىسىگە تەۋە بولۇپ پايتەخت قىلىنغان. ماراكاندا شەرق بىلەن غەربنىڭ مۇھىم قاتناشا تۈگۈنىگە جايلاشقان بولۇپ، جۇڭگونىڭ يىپەكلىرى، ساپال بۇيۇملىرى ۋە يۇڭ - تېرە بۇيۇملىرى شۇ يەر ئارقىلىق ھىندىستان ياكى غەربكە توشۇلاتتى. ⅨⅩ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا بۇ يەردە ئارخېئولوگىيىلىك قېزىش ئېلىپ بېرىلىپ، ئوردا، مەسچىت، بۇتخانا قاتارلىق قۇرۇلىملار ۋە باشقا نۇرغۇن ئاسار ئەتىقىلەر تېپىلدى.
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
mǎ lā kǎn dá
ماراكاندا