Chinese→Uyghur主要词典
马来亚人民抗日军
دۇنيا تارىخى
مالايا خەلقىنىڭ ياپونغا قارشى تۇرۇشى ئارمىيىسى
ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە مالايا كوممۇنىستىك پارتىيىسى قۇرغان ۋە رەھبەرلىك قىلغان ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى قوراللىق كۈچ. 1942-يىلى 4-ئايدا، پارتىزانلار ئەترىتى بىرلىشىپ تەشكىللەنگەن. كېيىن تەرەققىي قىلىپ سەككىز مۇستەقىل قوشۇپ بولۇپ، مالايانىڭ ھەرقايسى جايلىرىداھەرىكەت قىلىپ، ياپون ئارمىيىسى بىلەن پارتىزانلىق ئۇرۇشىنى قانات يايدۇرغان، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ قوشۇنى بىلەن ئالاقە باغلاپ، ماسلىشىپ جەڭ قىلغان ھەمدە خادىم، قورال - يراق ۋەدورا لازىمەتلىكلەر قاتارلىقلاردا ياردەمگە ئېرىشكەن. 1945-يىلى 8-ئايدا، ياپونىيە تەسلىم بولغاندىن كېيىن، ئەنگلىيە قىوشۇنلىرى مالاياغا قايتا قايتىپ كېلىپ، مۇستەملىكە ھۆكۈمرانلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن. شۇ يىلى 12-ئايدا، مالايا خەلقىنىڭ ياپونغا قارشى تۇرۇش ئارمىيىسى ئەنگلىيە تەرىپىدىن تارقىتىۋېتىلگەن.