Uyghur主要词典
مالايۇ دۆلىتى
دۇنيا تارىخى
ھىندونېزىيىدىكى قەدىمكى دۆلەت. ئورنى سۇماترا ئارىىدىكى جامبى رايونىدا. مىلادى Ⅶ ئەسىرنىڭ باشلىرى قۇرۇلغان. Ⅶ ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدا سرىۋىجايانىڭ بېقىندىسىغا ئايلىنىپ قالغان. 13 - ئەسىرنىڭ باشلىرى قايتىدىن مۇستەقىللىككە ئېرىشكەن. 1275-يىلى، سىنگاسارى دۆلىتىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان. 14 - ئەىسرنىڭ ئوتتۇرىلىرى مادجۇپاخ دۆلىتىنىڭ بېسىمى بىلەن مەركىزىنى غەربىي ئىچكى قۇرۇقلۇقتىكى مىنانكاب رايونىغا يۆتكەپ، نامىنى مىنانكاب دۆلىتىگە ئۆزگەرتكەن، مالايۇ دەسلەپتە براخمان دىنىغا ئېتىقاد قىلىپ، تائىپە تۈزۈمىنى يولغا قويغان، كېيىن بۇددا دىنىنىڭ ماھايانا ۋە ھىنايانا تارماقلىرى تارقالغان، مىلادى 446-يىلى (تاڭ سۇلالىسىنىڭ جېڭگۈەن 18-يىلى) جۇڭگوغا ئەلچى ئەۋەتكەن. تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئۇلۇغ راھىبى يى جىڭ <جەنۇبىي دېڭىزدىن ئىچكىرىگە ئەۋەتىلگەن دىخاراما تەپسىرىسى> دېگەن كىتابتا بۇ دۆلەتنى تىلغا ئالغان.