Chinese→Uyghur主要词典
马来联邦
دۇنيا تارىخى
مالايا ئىتتىپاقى
ئەنگلىيىنىڭ مالايدا قۇرغان مۇستەملىكە ھۆكۈمرانلىق شەكلى. 1874-يىلدىن كېيىن، پېراك، سېلانگور، نېگىرى سېمبىلەن (1895-يىلدىن كېيىن، پېراك، سېلانگور، نېگرىى سېمبىلەن )1895-يىلى توققۇز كىچىك ئىتتىپاقتىن تەركىب تاپقان(، پاخاڭ قاتارلىق شتاتلار ئىلگىرى - ئاخىر بولۇپ ئەنگلىيە بىلەن قوغداش شەرتنامىسى ئىمزالاپ، ئەنگلىيىنىڭ ئەمەلدار تۇرغۇزۇشىنى قوبۇل قىلغان. مۇستەملىكە ھۆكۈمرانلىقىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، 1895-يىلى ئەنگلىيە يەنە يۇقىرىقى تۆت شتاتنىڭ سۇلتانىنى ئىتتىپاق شەرتنامىسى ئىمزالاشقا قىزىقتۇرغان، ئىكىنچى يىلى مالايا ئىتتىپاقى رەسمىي قۇرۇلغان. جۇڭگو مۇھاجىرلىرى بۇنى تۆت شتات ھۆكۈمىتى دەپ ئاتىغان. پايتەختى كۇئالا لۇمپۇردا تۇرۇشلۇق باش ئەمەلدارلىق تەسىس قىلىنىپ، ئىسلام دىنىدىن باشقا ئىشلارغا چېتىشلىق مەمۇرىي ئىشلارنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولغان. ئىتتىپاقتا مەمۇرىي تارماقلار ۋە كېڭەش تەسىس قىلىنغان. ھەرقايسى شتاتنىڭ سۇلتانلىرى ۋە تۇرۇشلۇق ئەمەلدارلار، تۇرۇشلۇق باش ئەمەلدارنىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنغان. 1909-يىلىدىن باشلاپ ئىتتىپاق مەجلىسى تەسىس قىلغان، ئۇنىڭ مالىيە ۋە قانۇن چىقىرىش ھوقۇقى بولۇپ، ھەرقايسى شتاتلارنىڭ كىرىم - چىقىم خام چوت لايىھىسىنى تەكشۈرۈشكە مەسئۇل بولغان؛ مەجلىس رەئىسى يۇقىرى دەرىجىلىك ۋالىي بولۇپ، ئەزالىرى تۇرۇشلۇق باش ئەمەلدار )كېيىن باش كاتىپ دەپ ئۆزگەرتىلگەن، يۇقىرى دەرىجىلىك ۋالىي يوق چاغدا ئۇنىڭ ۋەزىپىسىنى ۋەكالىتەن ئۆتىگەن(، تۆت شتاتنىڭ سۇلتانلىرى ۋە تۇرۇشلۇق ئەمەلدار، تۆت نەپەر غەيرىي ھۆكۈمەت خادىمىدىن تەكىب تاپقان. بۇ تۈزۈم سۇلتان ۋە دۆلەت ئىشلىرى مەجلىسىنىڭ ھوقۇقىنى تارايتىۋەتكەن. 1927-يىلى ئىتتىپاق مەجلىسى ئۆزگەرتىپ تەشكىللىنىپ، سۇلتان قايتا قاتناشمىغان. 1934-يىلدىن كېيىن ئەنگلىيىلىكەر بىر قىسىم ھوقۇقنى ھەرقايسى شتاتلارغا قايتۇرۇپ بەرگەن. سۇلتاننىڭ ئورنى ۋە ھوقۇقى يەنە بىر قەدەر ئەسلىگە كەلگەن. 1946-يىلى تۆت شتات مالايا ئىتتىپاقىغا قوشۇلۇپ كەتكەن. 1948-يىلى يەنە مالايا بىرلەشمە ئىتتىپاقىغا قاتناشقان، 1963-يىلى مالايشىياغا قوشۇلغان.