Uyghur←Chinese主要词典
ماكلېننان
دۇنيا تارىخى
麦克伦南
mài kè lún nán
(1827 - 1881) ئەنگلىيىلىك (شوتلاندىيە) ئادۋوكات، قانۇنشۇناس. نىكاھ، ئائىلە تارىخى تەتقىقاتچىسى. ئىنۋېرېنسىدا تۇغۇلغان. خانلىق ىنستىتۇتى ۋە كېمبىرچ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغان. 1857-يىلى ئېدىنبۇرگدا ئادۋوكات بولغان. بىر مەزگىل پارلامېنتنىڭ شوتلاندىيىگە مۇناسىۋەتلىك قانۇن لايىھىسىنى يېزىپ چىقىشنى ئۈستىگە ئالغان. ئىپتىدائىي جەمئىيەتتە <سىرتتىن نىكاھلىنىش تۈزۈمى> دىكى قەبىلىلەرنىڭ قارىمۇ قارشىلىقى مەۋجۇت بولۇپ ئۆتكەن دېگەننى تەشەببۇس قىلغان، بۇ تەلىمات ئۇنىڭ نىكاھ تۈزۈمى تارىخىنى تەنقىق قىلىشىدىكى نەزەرىيە ئاساسىغا ئايلانغان. ئىپتىدائىي جەمئىيەتتە قىز بوۋاقلارنى بوغۇپ ئۆلتۈرۈش ئادەتلىرى قەبىلىلەر ئىچىدە ئاياللارنىڭ كەمچىل بولۇش ۋە ئەرلەنرىڭ ھەددىدىن ئارتۇق بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، بۇنىڭدىن ئىككى خىل ئاقىۋەت يۈز بەرگەن: بىرى، بىر ئايال كۆپ ئەرلىك بولۇش تۈزۈمى يولغا قويۇلغان، بۇنىڭدىن ماترىئارخاللىق تۈزۈمى (پەرزەنتلىرى ئانىسىنىلا تونۇقپ، ئاتىسىنى تونۇمايدىغان، نەسەپ پەقەق ئانا تەرەپ بىلەن ھېسابلىنىدىغان) بارلىققا كەلگەن. يەنە بىر زورلۇق بىلەن باشقا قەبىلىلەردىكى ئاياللارنى ئېپقېچىپ خوتۇن قىلىش يەنى ئېپقېچىپ نىكاھلىنىش يولغا قويۇلغان دەپ قارىغان. كېيىنكى ئىپتىدائىي جەمئىيەت تارىخشۇناسلىقى بىلەن مىللەتشۇناسلىقى تەتقىقاتى، ماكلېنناننىڭ ئۆز ئىچىدىن نىكاھلىنىدىغان ۋە سىرتتىن نىكاھلىنىدىغان قەبىلىلەر ئارا قارىمۇ قارشىلىقنىڭ مەۋجۇت بولمىغانلىقىنى، ئەمەلىيەتتە قەبىلىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ھەر قايسى ئۇرۇقلار ئارىسىدا سىرتتىن نىكاھلىنىشنى يولغا قويغانلىقىنى، پۈتكۈل بىر قەبىلىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا ئۆز ئىچىدىن نىكاھلىنىش ئىكەنلىكىنى، ئۇرۇقنىڭ سىرتتىن نىكاھلىنىش بىلەن قەبىلىنىڭ ئۆز ئىچىدىن نىكاھلىنىشنىڭ بىردەك ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بەردى. شۇڭا ئۇنىڭ نەزەرىيىسى پۈتۈنلەي ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان ساختا نەزەرىيە. ئۇنىڭ تۆھپىسى شۇكى: <سىرتتىن نىكاھلىنىش تۈزۈمى> نىڭ ھەممە جايلارغا تارقالغانلىقى ۋە ئۇنىڭ ئەھمىيىتىنى كۆرسىتىپ بەرەەن ھەمدە ماترىئارخاللىق تۈزۈمى ئاستىدىكى نەسەپ تۈزۈمى - ئىنسانىيە جەمئىيىتىنڭى ئەڭ دەسلەپكى نەسەپ تۈزۈمى ئىكەنلىكىنى بەلگىلەپ بەرگەن. ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ <ئۆسۈملۈك، ھايۋاناتقا چوقۇنۇش> دېگەن ئەسىرىدە، ئىپتىدائىي ئادەملەرنىڭ توتىمغا ئېتىقاد قىلىشنى تۇنجى قېتىم سىستمېىلىق بايان قىلىپ بەرگەن. ئۇنىڭ ئاساسلىق <ئىپتىدائىي نىكاھ، نىكاھ مۇراسىمىدىكى ئېپقېچىش ئۇسۇلىنىڭ مەنبەسى ئۈستىدە تەكشۈرۈش>، <قەدىمكى زامان تارىخى تەتقىقاتى> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.