Uyghur←Chinese主要词典
ماكېدونىيە پادىشاھلىقى
دۇنيا تارىخى
马其顿王国
mǎ qí dùn wáng guó
بالقان يېرىم ئارىلىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى قەدىمىي دۆلەت. تەۋەلىكىدىكى تاغلىق رايون يۇقىرى ماكېدونىيە، ئېەېي دېڭىزى بويىدىكى رايونلار تۆۋەن ماكېدونىيە دەپ ئاتىلىدۇ. دەسلەپكى مەزگىلدىكى زېمىنى، ئاساسەن جەنۇبتا ئولىمپۇس تېغى بىلەن تېسسالىيىنى (شىمالىي گرېتسىيە) پاسىل قىلغان، شەرقى سترىمۇن دەرياسى (strymon) بىلەن تراكىيىگە چېگرىداش بولغان، غەربىي ۋە شىمالىي ئىللىرىيە ۋە پائېئونىيە بىلەن تۇتاشقان. ئاھالىسى ئاساسەن گرېكلار (دورىئانس)، سىراكېسلار، ، ئىللىرىيلەر قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. جەنۇبتىكى قوشنا ئەل گرېتسىيە رايونىغا قارىغاندا تەرەققىياتى ئاستا بولغان. گرېتسىيىنىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلىپ، جەنۇبى قىسمىدىكى ئاھالىلەر پەيدىنپەي گرېك يېزىقىنى ئىشلەتكەن. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، مىلدىدىن ئىلگىرى Ⅴ ئەسىردە ئىپتىدائىي جەمئىيەت پارچىلىنىپ، ئۇرۇقداشلىقتىن ھەربىي ئاقسۆڭەكلەر بۆلۈنۈپ چىققان ھەمدە دۆلەت بارلىققا كەلگەن؛ پادىشاھتىن باشقا دۆلەتنى باشقۇرغۇچى ئاپپاراتتىن يەنە ئاقسۆڭەكلەر كېڭىشى ۋە خەلق كېڭىشى بولغان. پادىشاھ ئاھىرا تەختتىكى چاغدا (مىلادىدىن ئىلگىرى 413 - 399) دۆلەت كۈندىن - كۈنگە گۈللەنگەن. مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅵ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرى فىلىپ Ⅱ ھەربىي ۋە مالىيە ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىپ، بىرلىككە كەلگەن ماكېدونىيە دۆلىتىنى قۇرۇپ چىققان ھەمدە سىرتقا كېڭىيىپ سىراكېس قاتارلىق جايلارنى ئىشغال قىلغان. پېللانى پايتەخت قىلغان. كېيىن جەنۇبقا يۈرۈش قىلىپ، مىلادىدىن 339 يىل ئىلگىرى كائېرونىيىدىكى بىر قېتىملىق جەڭدە گرېتسىيە بىرلەشم ئارمىيىسىنى مەغلۇپ قىلىپ، كەينىدىنلا كورىنتوس يىغىنىنى چاقىرىپ، ماكېودنىيىنىڭ گرېتسىيىگە بولغان رەھبەرلىك ھوقۇقىنى بېكىتكەن. ئالېكساندر (ئىمپېراتور) مەزگىلىدە شەرققە يۈرۈش قىلىپ، بالقان يېرىم ئارىلىدىن ھىندى دەرياسىغىچە بولغان كەڭ زېمىندا ئالېكساندر ئىمپېرىيىسىنى قۇرغان. ئالېكساندر ئۆلگەندىن كېيىن ئىمېپرىيە پارچىلىنىپ كەتكەن. گرېكلىشىش دەۋرىدە ماكېدونىيىنىڭ پەقەت بالقاندىن ئىبارەت بىرلا زېمىنى قالغان. مىلادىدىن 276 يىل ئىلگخرى، ئانتىگونوس گوناتاس ماكېدونىيىدە ئانتىگونوس خاندانلىقىنى قۇرغان. فىلىپ Ⅴ بىلەن گاننىبال ئىتتىپاق تۈزۈپ نەتىجە قازىنالمىغان. كەينىدىنلا رىمنىڭ تەسىر كۈچى شەرققە كېڭىيىپ، ئۈچ قېتىملىق ماكېدونىيە ئۇرۇشى ئارقىلىق، مىلادىدىن 168 يىل ئىلگخرى مەغلۇپ قىلىنىپ، رىمغا بېقىنغان. مىلادىدىن 148 يىل ئىلگخرى، رىم تېررىتورىيىسىگە قوشۇۋېتىلگەن.