Uyghur主要词典
ماكاكا
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
لاتىنچە
زوئولوگىيە
مايمۇننىڭ بىر خىلى. تېنىنىڭ يۇقىرىسى كۈل رەڭ، قوڭۇر، بىلىنىڭ ئاستى توق سېرىق، پارقىراق، يۈزى سۇس قىزىل، ئىككى قۇۋزىدا خالتىسى بار، ساغرىسىنىڭ تېرىسى ئالاھىدە قېلىن، تۈك ئۆسمىگەن، قۇيرۇقى قىسقا، ياۋا كۆكتات، ياۋا مېۋىلەرنى يەيدۇ. بەزىدە ئاشلىق زىرائەتلەرنىمۇ يەيدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
تۇرار جاي، ئورۇنلاشقان يەر، يۇرت، ۋەتەن.
كېچە - كۈندز ئىشلەپمۇ، باقالمىدىم بۇ جاننى، ئاخىر دەردكە چىدىماي، تاشلاپ كەتتىم ماكاننى.
ئۆي، ئۇۋا.
پادىچى يىگىت بىلەن قىز كېيىن بىر مەزگىل ئاشۇ گۈمبەزنى ماكان قىلغان.
<پەلس> ماددىلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنىڭ بىر خىل ئوبيېكتىپ شەكلى. كەڭلىك، ئۇزۇنلۇق، ئېگىزلىك ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ. <بوشلۇق> دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
بىرەر نەرسە توپلانغان ياكى كۆپ بولغان جاي.
بەشكېرەم ھەقىقەتەنمۇ ئىسمى جىسمىغا لايىق مېۋىلەرنىڭ ماكانى ۋە كانىدۇر.