Uyghur主要词典
مايۈەنچاڭ
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
(1853 - 1920)جۇڭگو ئىسلام دىنىدىكى جەھرىيەنىڭ يەتتىنچى ئىمامى. گەنسۇ جېجۇ (ھازىرقى ۋۇدۇ) لۇق، خۇيزۇ. مامىڭشىننىڭ 4 - ئەۋلاد نەۋرىسى. مايۈەنچاڭ ئۆمرىدە جەھرىيە سۈلۈكىنى گۈللەندۈرۈش بىلەن شۇغۇللاندى. تۇڭجىنىڭ 9 - يىلى (1870) دادىسى ماشىلىڭ بىلەن يۈننەندىكى خۇيزۇلار قوزغىلىڭىغا قاتناشتى. قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، سودىگەر قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ يۈننەندىن غەربىي شىمالغا كېلىپ گەنسۇ چىڭشۈيدىكى جاڭ جياچۇەندە ماكانلىشىپ جەھرىيەنى گۈللەندۈرۈش پائالىيىتى بىلەن مەخپىي شۇغۇللاندى. گۇاڭشۈينىڭ 26 - يىلى (1900) دىن كېيىن گەنسۇنىڭ شەرقى ۋە جەنۇبى قاتارلىق جايلاردىكى خۇيزۇلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونلاردا خەنزۇچە - ئەرەبچە دەرس ئۆتۈلىدىغان 20 نەچچە ھەقسىز مەكتەپ ئاچتى ھەم بىرنەچچە ئەسەر يازدى.