Chinese→Uyghur主要词典
买麻藤
بىئولوگىيە
گنېتۇم
گنېتۇم ئائىلىسىگە كىرىدۇ، دائىم يېشىل تۇرىدىغان ياغاچ غوللۇق پېلەكلىك ئۆسۈملۈك. غول ۋە شاخلىرى يۇمىلاق ياكى ياپىلاق يۇمىلاق، بوغۇملىرى چوڭ بولىدۇ. يوپۇرمىقى ئۇدۇل ئۆسىدۇ، تېرىلىشىدۇ، تۆت بۇلۇڭلۇق يۇمىلاق ياكى ئېللىپىسىمان، ئالدى تەرىپى ئىنتايىن ئۇچلۇق، تولۇق گىرۋەكلىك بولىدۇ. ئاتىلىق، ئانىلىقى ئايرىم تۈپتە ئۆسىدۇ. شارچە گۈلى باشاقسىمان تىزىلغان گۈل رېتىنى ھاسىل قىلىدۇ. قولتۇقتا ياكى چوققىدا ئۆسىدۇ. ئاتىلىق شارچە گۈل رېتى 1 - 2 قېتىم قايتىلىنىدۇ، ئۈچ قېتىم شاخلىنىدۇ، ھەر بىر شېخىدا ھالقىسىمان ئومۇمىي ئورىغۇچى يوپۇرماقتىن 13 - 17 دانىسى بولىدۇ. ئومۇمىي ئورىغۇچى يوپۇرماق ئىچىدە ئاتىلىق گۈلىدىن 20 - 40 دانە بولىدۇ. ئاتىلىق گۈلىنىڭ تۈۋىدە تۈك بولىدۇ، گۈل يېپىنچىسى سەل - پەل قېلىنلىشىپ قالقانسىمان نەيچىنى ھاسىل قىلىدۇ، ئاتىلىق يىپى بىرىككەن بولىدۇ. ئانىلىق شارچە گۈل رېتى يالغۇز ياكى توپلىشىپ ئۆسىدۇ. 3 - 4 جۈپ ئايرىلىدۇ، ھەربىر ھالقىسىمان ئومۇمىي ئورىغۇچى يوپۇرمىقى ئىچىدە 5 - 8 دانە ئانىلىق گۈلى بولىدۇ. ئۇرۇقى ئۈچكىلىك مېۋىسىمان، تۆت بۇرجەك يۇمىلاق ياكى ئېللىپس شەكىللىك، ئۇزۇنلۇقى 2.1 - 2 سانتىمېتىر بولۇپ، پىشقاندىن كېيىن يالغان مېۋە پوستى سارغۇچ قوڭۇر ياكى ئاق داغلىق بولىدۇ. يۈننەن، گۇاڭشى، گۇاڭدۇڭ قاتارلىق ئۆلكىلەرنىڭ جەنۇبىي قىسمىغا تارقالغان غولىدىن ئايرىۋېلىنغان تالادىن تاغار ۋە بېلىق تورى ياسىلىدۇ، ئۇرۇقىدىن ماي تارتىلىدۇ.
ئۆسۈملۈك
mǎi má téng
گىنېتۇم