Uyghur主要词典
ماھىيەت
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ھەرنەرسىنىڭ ئەسلى، ھەقىقىتى:
لۇتپى يۈزى ماھىيەتنى رەۋشەن ئېتىپكم،
سەن دەۋرى قەمەر ئىچرە سۇخەنۋەر يېتىلىپسەن.
لۇتپى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
تۈپ مەنبە، ئىچكى مەزمۇن.
يىلان تېرە تاشلايدۇ، ماھىيىتىنى ئۆزگەرتمەيدۇ. مەسىلىگە ھادىسىدىن ئۆتۈپ ماھىيىتىنى تاپقاندىلا، ياخشى چۈشەنگىلى بولىدۇ. گەپنىڭ مېغىزىنى دە، ئوشۇقىنى قوي.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
بىرەر نەرسىنىڭ ئەڭ مۇھىم، تۈپ مەزمۇنى.
بۇنىڭ ماھىيىتى مانا مۇشۇ يەردە.
<پەلس> نەرسە ۋە ۋەقەلەرنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىچكى بەلگىلىرى، ھادىسىلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئىچكى باغلىنىش، ئۇلارنىڭ پەيدا بولۇش خاراكتېرى ۋە ئۇسۇللىرىنى بەلگىلەيدىغان باش ئامىل.