Uyghur←Chinese主要词典
ماگىنوت مۇداپىئە سېپى
دۇنيا تارىخى
马其诺防线
mǎ qí nuò fáng xiàn
ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن ئىلگىرى فرانسىيە گېرمانيىنىڭ ھۇجۇمىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن شۋېتسارىيىدىن بېلگىيىگىچە بولغان ئارىلىقتىكى شەرقىي چېگرىسىدا قۇرغان مۇداپىئە بازار سىستېمىسى. 1929-يىلى قۇرۇلۇشنى باشلاپ، 1940-يىلى پۈتكۈزگەن. جەمئىي 200 مىليارد فرانك مەبلەغ سەرپ قىلغان. قۇرۇقلۇق ئارمىيە مىنىستىرى ماگىنوت (1877 - 1932) نىڭ ئىسمى بىلەن نام بەرگەن. ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 400 كىلومېتىر بولۇپ، رېين مۇداپىئە لىنىيىسى، ئالساسې ۋە لوررانى مۇداپىئە رايونى ھەمدە سارلاند توسالغۇ رايونىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپ، جەمئىي 5600 پۇختا ئىستېھكام ياسىغان. 1936 - 1940-يىللىرى يەنە فرانسىيە - بېلگىيە چېگرىسىدا دالادېر مۇداپىئە سىستېمىسىنى قۇرغان. 1940-يىلى 5-ئايدا، گېرمان قوشۇنلىرى فرانسىيە - بېلگىيە چېگرىسىدا دالادېر مۇداپىئە سىستېمىسىنى قۇرغان. 1940-يىلى 5-ئايدا، گېرمان قوشۇنلىرى فرانسىيە - بېلگىيە چېگرىسىدىكى ئاردېن تاغ رايونىدا ھۇجۇم قىلىپ ماگىنوت مۇداپىئە سېپىنى ئايلىنىپ ئۆتۈپ كەتكەچكە، ئۇنىڭ رولى قالمىغان.