Uyghur主要词典
ماگنولىيە
بىئولوگىيە
ماگنولىيە ئائىلىسىگە كىرىدۇ، يوپۇرماق تاشلايدىغان چاتقال، توپلىشىپ ئۆسىدۇ. كىچىك شېخى بىنەپشە قوڭۇر بولۇپ، قوۋزاق تۆشۈكى روشەن بولىدۇ. يوپۇرمىقى تەتۈر تۇخۇمسىمان ياكى ئېللىپسسىمان تۇخۇم شەكىللىك، ئالدىنقى ئۇچى ئىنتايىن ئۇچلانغان، تۈۋى قىسمى شىنىسىمان، تولۇق گىرۋەكلىك؛ ئۈستۈنكى يۈزىدە شالاڭ تۈك ئۆسىدۇ، ئاستىنقى يۈزىدە تومۇرنى بويلاپ تۈك ئكسىدۇ. گۈلى يوپۇرمىقىدىن بۇرۇن ياكى يوپۇرمىقى بىلەن بىر ۋاقىتتا ئېچىلىدۇ، شاخ ئۇچىدا يالغۇز ئۆسىدۇ، چوڭ، قوڭغۇراقسىمان بولىدۇ؛ گۈل يېپىنچىسى توققۇز، ھەر ئۈچ يېپىنچا بىر ئايلانما بولۇپ تىزىلىدۇ؛ ئەڭ سىرتتىكى ئايلانمىدىكى يېپىنچا تۆمۈنە شەكىللىك، سارغۇچ، يېشىل، قالغانلىرى تەتۈر تۇخۇم شەكىللىك، سىرتقى تەرىپى بىنەپشەرەڭ ياكى قارامتۇل قىزىل، ئىچى ئاق پۇراقسىز. ئانىلىق ياپراقچىسى كۆپ، مۇرەككەپ مېۋىسى ئېللىپس شەكىللىك، ئاچ قوڭۇر رەڭ بولىدۇ، ئۇنىڭ ئەسلى ماكانى خۇبېي، ھازىر ھەممە يەردە كەڭ كۆلەمدە ئۆستۈرۈلۈۋاتىدۇ. ئۇ بىرخىل مەنزىرە ئۆسۈملۈكىدۇر. ئۇنىڭ قوۋزىقى، يوپۇرمىقى ۋە گۈلىدىن خۇش پۇراق ئېكستراكت ئېلىنىدۇ؛ غۇنچىسى دورىغا قوشۇلىدۇ، تەمى ئاچچىق، تەبىئىتى ھۆل ئىسسىق بولۇپ، بۇرۇن كاۋىكى ياللۇغىنى داۋالاشقا ئىشلىتىلىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
روسچە؛لاتىنچە
بوتانىكا
ماگنولىيە ئائىلىسىدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان دەرەخ. يوپۇرمىقى تەتۈر تۇخۇم ياكى ئېللىپس شەكلىدە بولۇپ، نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ. گۈلى چوڭ، سىرتقى يۈزى قوڭۇر، ئىچى ئاق كېلىدۇ. مېۋىسى سوقىچاق بولىدۇ. غۇنچىسى دورا قىلىنىدۇ.
شۇ خىل ئۆسۈملۈكنىڭ گۈلى.