Uyghur主要词典
ماغدۇرسىز
مەنىداش سۆزلۈكلەر
كۈچ - قۇۋۋىتى يوق، ماغدۇر - دەرمانى كەتكەن، ھالى - جېنى خاراب بولغان.
دۈشمەننى كۈچسىز چاغلىما، كۈچسىز دەپ بىپەرۋالىق قىلما.قۇۋۋەتسىز تاماقل تەنگە دەرمان بەرمەس. ماغدۇرسىز تېكىنىڭ قارىغايدەك مۈڭگۈزى بار. ئاغرىق ھالسىزنى تاپار. ئاتاڭ باغرىدا سەن دەرمانسىز نوقۇل، ئۆز قانىتىڭ بولمىسا ئۇچمىقىڭ مۈشكۈل. جانسىز جانسىزدىن غۇدىرار.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
كۈچ - قۇۋۋەت كەتكەن، كۈچ - مادارىدىن ئايرىلغان.
كۈچلۈك، قۇۋۋەتلىك، قۇدرەتلىك، ماغدۇرلۇق
كۈچ - قۇۋۋەت تولۇپ تۇرغان، كۈچ - قۇدرىتى تولۇق.
كۈچلۈكلەرنىڭ ئالدىدا توشقان بىلەن بىردەكسىز، كۈچسىزلەرنىڭ ئالدىدا توشقان ئەمەس، پىلدەكسىز. بالا - پادىشاھتىنمۇ قۇدرەتلىك. ئىناق بولغانلار قۇدرەتلىك بولار. ماغدۇرسىز تېكىنىڭ قارىغايدەك مۈڭگۈزى بار. مادارسىغا مادارسىز كۈن بەرمەپتۇ، ماغدۇرلۇق ھارغىچە مادۇرسىز جان ئۈزۈپتۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
ماغدۇرى يوق، ماغدۇرىدىن قالغان، مادارسىز، ھالسىز.
تۇراخۇن ماغدۇرسىز قوللىرى بىلەن ئازادنىڭ قولىنى تۇتتى.