Uyghur←Chinese主要词典
ماگدالېن مەدەنىيىتى
دۇنيا تارىخى
马格德林文化
mǎ gé dé lín wén huà
ياۋروپانىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى قەدىمكى تاش قورال دەۋرىنىڭ ئاخىرقى مەزەىلىدىكى مەدەنىيەت. ئەڭ دەسلەپ فرانسىيىنىڭ دوردوگنى دەرياسى ۋادىسىدىكى تورساك ئەتراپىدىكى ماگدالېندا تېپىلغاچقا شۇنداق دەپ ئاتالغان. دەۋرى تەخمىنەن مىلادىدىن 20000 يىل ئىلگىرىكى يىللاردىن مىلادىدىن 10000 يىل ئىلگىرىكى يىللار ئەتراپىغا توغرا كېلىدۇ. فرانسىيە ئارخېئولوگى برۇئىل مەزكۇر مەدەنىيەتنى 6 دەۋرگە بۆلگەن. دائىم ئۇچرايدىغان تاش قوراللاردىن قىرىپ ئۇشلانغان قورال، نەقىشلەنگەن قورال ۋە تتاش ياپراق قاتارلىقلار بار. سۆڭەك، مۈڭگۈز قوراللىرىنىڭ ئىشلىنىش تېخنىكىسى ئىلغار ھەمدە نەيزە ئاتقۇچ قاتارلىقلار. رەسىم سىزىش ۋە نەققاشلىق ناھايىتى راۋاج تاپقان بولۇپ، ئۆڭكۈر تام سۈرەتلىرىدىن لاسكې ئۆڭكۈرى، ئالتامىرا ئۆڭكۈرى قاتارلىقلار بولۇپ، تېخنىكىسى يۇيقىرى، رەڭلىرى كۆركەم بولۇپ، ئەينى چاغدىكى مەدەنىي تۇرمۇشنى تەنقىق قىلىشتىكى مۇھىم ماتېرىيال بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئورتاق ياشىغان ھايۋاناتلار توپىدىن مامونت (پىلنىڭ ئەجدادى - ت)، شىمال بۇغىسى ۋە ئاق ئېيىق قاتارلىقلار بولغان.