Uyghur←Chinese主要词典
مادىئۇن ۋەقەسى
دۇنيا تارىخى
茉莉芬事件
mò lì fēn shì jiàn
ئامېرىكا ھىندىنېزىيە ئەكسىيەتچىل كۈچلىرى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ ھىندونېزىيە كوممۇنىستلىرىنى قىرغىن قىلغان ۋەقە. 1948 - يىلى 7 - ئايدا، ئامېرىكىنىڭ ۋەكىلى بىلەن ھىندونېزىيە ئەكسىيەتچىلىرى سالىن قىرغىقىدا <قىزىل ئۇنسۇرلارنى يوقىتىش> توغرىسىدا مەخپىي پىلان تۈزۈپ، ھىندونېزىيە كوممۇنىستلىرىنى باستۇرۇشنى قەستلىگەن. 9 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، مادىئۇن شەھىرىدە تۇرۇشلۇق، ئىلغار ئىدىيىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان 29 - بىرىگادا بىلەن كومپارتىيىگە قارشى قوراللىق كۈچى سلۋەنجى دىۋىزىيىسىنىڭ زاپاس ساقچى قىسمى ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەن ھەمدە 29 - بىرىگادا زاپاس ساقچى قىسىمنى مەغلۇپ قىلىپ، مادىئۇن شەھىرىنى كونترول قىلغان. مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى (ھىندونېزىيە كومپارتىيىسىنىڭ ئەزاسى) ۋاقتىنچە شتات باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان. خاتتا (1902 - 1980) ھۆكۈمىتى بۇ ئىشنى باھانە قىلىپ، كومپارتىيە سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاپ ھاكىمىيەتنى تارتىۋالماقچى دەپ بوھتان چاپلاپ، زور قوشۇن ئەۋەتىپ مادىئۇن شەھىرىگە ھۇجۇم قىلغان ھەمدە ھەربىي ۋە ساقچىلارنى ئىشقا سېلىپ كوممۇنىستلار ۋە ئىلغار زاتلارنى تۇتقۇن قىلغان ھەمدە قىرغىن قىلغان. 1948 - يىلى 9 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، ھۆكۈمەت ئارمىيىسى مادىئۇن شەھىرىنى ئىشغال قىلغان. 10 - ئايدا ھىندونېزىيە كومپارتىيىسىنىڭ داھىيىسى مۇسو جەڭدە قوربان بولغان. كومپارتىيە رەھبەرلىرىدىن شەرىفىدىن (1905 - 1948) قاتارلىقلار 11 - ئايدا ئەسىرگە چۈشۈپ، 12 - ئايدا قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان. قىرغىن قىلىنغان كوممۇنىستلار ۋە ئىلغار زاتلار ئون مىڭدىن ئاشقان.