Uyghur←Chinese主要词典
مادىسون
دۇنيا تارىخى
麦迪逊
mài dí xùn
(1751 - 1836) ئامېرىكا زۇڭتۇڭى (1809 - 1817). دېموكراتىك جۇمھۇرىيەتچى. ۋىرگىنىيە شتاتىدا تۇغۇلغان. ئامېرىكا مۇستەقىللىك ھەرىكىتگە قاتناشقان. كېيىن شتاتلىق قانۇن تۈزۈش ئورگىنىدا ئىشلىگەن. 1787 - يىلى ئاساسىي قانۇن تۈزۈش يىغىنى ۋە قوشما شتات ئاساسىي قانۇنىنى تۈزۈپ چىقىشقا قاتناشقان. 1792 - يىلى جېففېرسون بىلەن بىرلىكتە بۇرژۇئا دېموكراتىيە ھوقۇقىنى قوغدايدىغان دېموكراتىك جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيە (يەنى قوشما شتاتقا قارشى پارتىيە) نى تەشكىل قىلغان. 1789 - 1797 - يىللىرى ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزاسى بولغان. 1800 - يىلى دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى بولغان. 1808 - يىلى زۇڭتۇڭ بولۇپ سايلانغان. ئۇ، ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرغان مەزگىلدە سودا ئالاقىسىنى ئۈزۈش نىزامىنى يولغا قويۇپ، ئەنگلىيەنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان. 1812 - يىل 6 - ئاينىڭ 18 - كۈنى ئامېرىكا - ئەنگلىيە ئۇرۇشى پارتلىغان. 1814 - يىلى 8 - ئايدا ئەنگلىيە بىلەن <گېنت شەرتنامىسى>نى تۈزۈپ، ئامېرىكىنىڭ مۇستەقىللىكىنى مۇستەھكەملىگەن، كېيىن قوغدىنىش چېگرا بېجى نىزامى ۋە ۋە <ئىككىنچى بانكا قانۇن لايىھىسى> قاتارلىقلارنى تۈزۈپ چىقىش ئارقىلىق ئىچكى قەھەتتە سانائەتنى راۋاجلاندۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش، چەت ئەل ماللىرىغا بايقوت قىلىش ۋە مالىيىنى تۇراقلاشتۇرۇشتا ئاكتىپ رول ئوينىغان.
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
麦迪逊
mài dí xùn