Chinese→Uyghur主要词典
马丁斯维尔案件
دۇنيا تارىخى
مارتىنسىۋېر دېلوسى
ئامېرىكىدىكى نېگىرلارغا زىيانكەشلىك قىلىش ۋەقەسى. 1949 - يىلى ۋىرگىنىيە شتاتىدىكى مارتىنسىۋېر قاتارلىق 7 نەپەر نېگىر ياش باسقۇنچىلىق جىنايىتى ئەيىبلىنىپ، يەرلىك سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. مەزكۇر دېلو پۈتكۈل ئامېرىكىدا، ھەتتا چەت ئەلدە نارازىلىق دلقۇنىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، قايتىدىن ھۆكۈم قىلىشنى تەلەپ قىلغان. لېكىن ئامېرىكا ئالىي سوت مەھكىمىسى ئەسلىدىكى ھۆكۈمنى ساقلاپ قېلىشنى قارار قىلىپ، 1951 - يىل 2 - ئاينىڭ 7 - كۈنى 7 نەپەر ياش ئۆلتۈرۈلگەن.